دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرىمىز
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: لىۋاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3000 دىن ئاشتى، بۇ، 2006-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە بىلەن جېنجۇداڭ پارتىيەسى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ جۇڭگو ئىسرائىلىيە بىلەن جېنجۇداڭ پارتىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟
ماۋ نىڭ: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى لىۋان ۋەزىيىتىگە يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ، بىز لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىمىز، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمىز ۋە ئۇنى ئەيىبلەيمىز. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرگە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت