تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى

文摘   2024-11-29 22:46   新疆  


ئەردوغان: تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى راۋاجلاندۇرىدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيە ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەردوغان ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە ئۇچۇپ قايتقان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە سودىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆز رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە: «ھازىر ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق، ھەم بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدۇق» دېگەن.

بۇ يىل 5-ئايدا، تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەرىكىتى مەزكۇر رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى بۇنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى نەچچە قېتىم ئەگرى-توقايلىقنى باشتىن كەچۈردى. 2022-يىل 8-ئايدا، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە ئۆزئارا باش ئەلچى ئەۋەتتى. لېكىن بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم ناچارلاشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى كۆپ قېتىم قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇلتۇر 11-ئايدا تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن پۇقرالىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىشى ۋە غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك تىراگىدىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.



saybag
你好。欢迎
 最新文章