شىنجاڭدا نېفىت ئوغرىلىغان تۆت ئەر تۇتۇلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، قاراماي ساقچىلىرى شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى دىڭبيەن ناھىيەسىدىن خام نېفىت ئوغرىلىغان جىنايەت گۇماندارى تيەن X X قاتارلىق تۆت كىشىنى قولغا ئالدى.
6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئېغىر نېفىت ئېچىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى گەن XX سىنلىق چارلاش جەريانىدا، شىركەتنىڭ قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى شياۋگۇەي يېزىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتى ئەتراپىدىكى قۇم تەكشۈرۈش 001-نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقىدا بىرەيلەننىڭ نېفىت ئوغرىلىغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى.
قاراماي شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شياۋگۇەي يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن ماي قۇدۇقىغا يېتىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرىنى نەق مەيدانغا چاقىردى.
نەق مەيداندا ماي باكى ئورنىتىلغان قارا رەڭلىك بىر دالا ئاپتوموبىلىلا بار بولۇپ، ئاپتوموبىلدا ئادەم يوق ئىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ماي باكىغا تەخمىنەن ئىككى توننا نېفىت قاچىلانغانلىقى، دېلوغا چېتىشلىق قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقى بايقالدى.
دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مەزكۇر تارماق ئىدارىنىڭ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى دەرھال دېلونى رازۋېتكا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ساقچىلار زور مىقداردىكى تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، دىققەتنى تيەن XX باشچىلىقىدىكى تۆت ئوغرىلىق شايكىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك مەركەزلەشتۈردى، كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارلىرى تيەن XX، ۋاڭ XX، گۇ XX، ۋېي XX نىڭ قاراماي شەھىرىدىن ئايرىلىپ، شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى دىڭبيەن ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بېكىتتى.
7-ئاينىڭ 11-كۈنى قاراماي رايونلۇق تارماق ئىدارىسى سىرتقا چىقىپ زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى قۇردى، ساقچىلار 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە ئاتلاپ، شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى دىڭبيەن ناھىيەسىدە جىنايەت گۇماندارلىرى تيەن XX ، ۋاڭ XX ، گۇ XX ، ۋېي XX نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈردى.
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، جىنايەت گۇماندارى تيەن XX قاتارلىقلارنىڭ نېفىت ئوغرىلاش دېلوسى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.