ئەردوئان: ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خاتا

文摘   2024-12-02 23:59   新疆  


تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان شۇ يەر ۋاقتى 20-نويابىر رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكىدا ياسالغان يىراق مۇساپىلىك قوراللار بىلەن رۇسىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىشىگە يول قويغانلىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قارار تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

ئەردوئان بىرازىلىيەدىن قايتقان ئايروپىلاندا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىق ئامېرىكىدا ياسالغان قوراللار ئارقىلىق رۇسىيە نىشانلىرىغا ئىچكىرىلەپ زەربە بېرىشىگە يول قويدى، تۈركىيە بۇ قارارنى قوللىمايدۇ، شۇنداقلا بۇ قارارنى توغرا دەپ قارىمايدۇ. ئەردوئان يەنە مۇنداق دېدى: بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى توقۇنۇشنى پەسەيتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، بۇلار رايون ۋە دۇنيانى يېڭىدىن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش گىردابىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن.



saybag
你好。欢迎
 最新文章