ياۋروپادىكى بىرىنچى باي دۇنيادىكى بىرىنچى باينى ئەرز قىلدى؟

文摘   2024-11-28 20:21   新疆  

ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ياۋروپادىكى بىرىنچى باي بېرنارد ئالنارتقا قاراشلىق «ئەكس سادا گېزىتى»، «پارىژلىقلار گېزىتى» ھەمدە «فىگارو گېزىتى»، «دۇنيا گېزىتى»، «خەلقئارا خەۋەرچى گېزىتى» قاتارلىق فىرانسىيە تاراتقۇ شىركەتلىرى بىر باياناتىدا، ئېلون ماسكقا قاراشلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى «X» تۇتۇشۇپ كېتىش ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، مەزمۇنىمىزنى ئىشلىتىپ، مۇۋاپىق ھەق تۆلىمىدى، دەپ ئەيىبلەب، ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېرنارد ئالنارت فىرانسىيەنىڭ ھەشەمەت بۇيۇملىرى ماگناتى لۇئىس ۋىتتون-موئېت خېننېسى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ، ھازىر بايلىقى 164 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

يېقىندا ماسكنىڭ بايلىقى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ساپ مۈلكى بىلەن دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دېلوغا كېلەر يىلى 5-ئايدا سوت ئېچىلىدىكەن، شۇ چاغدا بەلكىم ياۋروپادىكى بىرىنچى باي بىلەن دۇنيادىكى بىرىنچى باي سوتقا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.


saybag
你好。欢迎
 最新文章