سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 13-چېسىلا قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 12-چېسىلا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەخت ۋارىسى ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ھەرىكىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىدى. بۇلتۇر جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغاندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟
لىن جيەن: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران تارىخىي خاراكتېرلىك يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئۈزۈكسىز پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىراننىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ.
يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ھەرقايسى قاتلاملاردا ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ يارىشىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.