رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 7-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، كىرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوف 7-نويابىر، تىرامپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش سۈرئىتىنى مۇبالىغا قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە، دېگەن.
پېسكوف مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ئۈستىدە ئىزدەنسە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتىن قالتىس بولىدۇ».
خارىسنىڭ پۇتىن ترامپنى چۈشلۈك تاماق ئورنىدا يەۋېتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى توغرىسىدىكى سوئالغا، پېسكوف كۈلۈپ تۇرۇپ: «پۇتىن ئادەم يېمەيدۇ»، دېگەن.