روسىيە ۋە ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قولىدىن زېمىن قايتۇرۇۋېلىش دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىشنىڭ بىرسى. رۇسىيە ئىلگىرى بىۋاسىتە: رۇسىيەنىڭ بىر غېرىچ زېمىنىمۇ ئارتۇق ئەمەس، دېگەن. ياپونىيەمۇ ھازىرغىچە روسىيەگە ئامال قىلالمايدۇ. لېكىن ئىسرائىلىيە روسىيەدىنمۇ بەكرەك زىمىننى ئەتىۋارلايدۇ.
ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن زېمىن ئۇلارنىڭ جان تومۇرى. ئىسرائىلىيەدىن زېمىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش يولۋاس بىلەن ئويناشقانلىققا باراۋەر. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھېچقانداق دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىن زېمىن تارتىۋالالمىغان، ئەلۋەتتە بۇ دۆلەتتىن باشقا. بۇ دۆلەتنى دۇنيادىكى ئىسرائىلىيەدىن زېمىن قايتۇرۇۋالالىغان بىردىنبىر دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرغىچە ھېچكىم رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يەھۇدىيلار ئاخىرى دۆلەت قۇردى. دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن ئۇلار بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈردى، بۇ جەرياندا زېمىنى بىۋاسىتە بىر ھەسسە كېڭەيدى. ئۇلار يەھۇدىلار مەھەللىسى قۇرۇش ئارقىلىق پەلەستىن زىمىنىغا، لىۋان زىمىنىغا ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. يەنە سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى.
بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ زېمىنغا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيىدىن زېمىن قايتۇرۇۋالماقچى بولغان دۆلەتلەر ئۇرۇشتا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ كەلدى. لېكىن بىر دۆلەت بۇ جەھەتتە مۆجىزە ياراتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە زىمىن قايتۇرغۇزغان، بۇنى دۇنياۋى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ دۆلەت دەل مىسىر جۇمھۇرىيىتى. 1980-يىللىرى ئىسرائىلىيە مىسىرغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن 60 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان سىناي يېرىم ئارىلى قايتۇرۇپ بەرگەن. مىسىر بۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە قولىدىن زېمىن قايتۇرۇۋالغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ قالدى. مىسىر ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك دۆلەت. گەرچە بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا مىسىر ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە مىسىر ئەڭ كۈچلۈك.
نۇرغۇن كىشىلەر زېمىنىنى جان دەپ بىلىدىغان ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز زېمىنىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولغان سىناي يېرىم ئارىلىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئېلاننى بىر چىكىۋىتىپ سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى..
ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. بىر تەرەپتىن، مىسىر ھەقىقەتەن بەك خەتەرلىك. مىسىرنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. يەنە كېلىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك دۆلەت. ئوتتۇرا شەرق رايونىدا زور چاقىرىق كۈچىگە ئىگە. ئەگەر مىسىر ئىسرائىلىيە بىلەن ئاخىرغىچە تىركەشسە، ئىسرائىلىيە ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا مىسىرنى يېڭەلىشى ناتايىن. ئىسرائىلىيە مىسىرنىڭ جان تىكىپ قارشىلىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىمىن قايتۇرۇپ بەرگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىر ئامېرىكا ئىزچىل ئۆزىگە تارتماقچى بولغان ئىتتىپاقدىشى. 80-يىللاردا ئامېرىكا مىسىرنى ئوڭۇشلۇق ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، مىسىرنى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. شۇڭا ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى مىسىرغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ئەيمىنىدىغان دۆلىتى بار. ئىسرائىلىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بەرگەچكە ئىسرائىلىيە چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى، دەپ قارايدۇ. ئاستىدىكى ئېلاننى پۇتىنىڭ ئەڭ كۈچى بار كىشىلەرلا دەسسىيەلەيدۇ...ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹