ئامېرىكا ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى

文摘   2024-11-24 23:32   中国  

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ 

10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى داشياۋ جاڭ شياۋگاڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

 مۇخبىر: خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1 مىليارد 988 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇ، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە رادار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

 جاڭ شياۋگاڭ: ئامېرىكا جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا قورال سېتىپ بېرىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزدى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال تارقاتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى.

 ئامېرىكا تەرەپ ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ تەيۋەننى قوراللاندۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە يۈرەكلىك ھالدا مەدەت بېرىپ، تەيۋەننى تېزلىكتە ئۇرۇش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالغا ئىتتىرىپ قويۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. مىنجىنداڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ قورال ـ جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ «ساداقەتنامە»سىنى تاپشۇردى، ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ قېنىنى شوراپ ئۆزىنىڭ ھەربىي سانائەت بىرىكمە گەۋدىسىنى بوردىدى. پاكىت شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىككى قىرغاق كىرىزىسى پەيدا قىلىش، رايون مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىكى ئاپەت مەنبەسى، قالايمىقانچىلىق مەنبەسى.

مەنبە: خەلق تورى


saybag
你好。欢迎
 最新文章