زەمران
كەچكى شەپەق نۇرى ئاستىدا دۇبەي تولىمۇ جەلپكار بولۇپ كېتىدۇ. بىراق، 60 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ شەھەرنىڭ نامرات تۇرقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلاتتى.
ئەينى ۋاقىتتا، دۇبەي بىر بوستانلىق بولۇپ، كىشىلەر تۆگە باقمىچىلىقى ۋە بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كۈنلىرى جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتەتتى.
تەبىئىي مۇھىت زىيادە ناچار بولغانلىقتىن شۇ ۋاقىتلاردا دۇبەينىڭ نوپۇسى مەنپىي كۆپەيگەن، ئەڭ ئاز بولغان ۋاقىتلىرىدا 900 نەچچىلا ئادىمى قالغان.
بىراق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا دۇبەي نېفىتلىكى بايقىلىشى بىلەن بۇ شەھەر ئاستا-ئاستا گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلەندى، نۇرغۇن نېفىت ئېچىش شىركەتلىرى دۇبەيگە كىرىپ كەلدى.
شەھەر تەرەققىياتى ھەرخىل قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى. بىناكارلىق كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشى دۇبەيگە نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى جەلپ قىلىپ، دۇبەي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
70-يىللاردا دۇبەي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىمپورت ماللار سودىسىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى بىكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دۇبەي بىر كېچىدىلا چەتئەللىك سودىگەرلەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جايغا ئايلاندى.
تاشقى سودىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ دۇبەي پورتىدا توختايدىغان پاراخوتلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت دەرھال سىغىمى چوڭ پورت قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى.
90-يىللاردىن باشلاپ دۇبەي نېفىت ئېكىسپورتى ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمىدىن پايدىلىنىپ شەھەر قۇرۇلۇشىنى يېڭىلىدى. بىراق، ئەينى ۋاقىتتا دۇبەيدە يەنىلا بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي چارۋىچىلار بار ئىدى.
21-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە نېفىت كىرىمى دۇبەيلىكلەر كىرىمىنىڭ %95نى ئىگىلىدى. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر نېفىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى تۈگەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ساياھەتچىلىك كەسپىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇردى. بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپ مىقداردا ھەشەمەتلىك مېھمانخانا، قىمارخانا، مال سېتىۋېلىش مەركىزى، گولف توپ مەيدانى قۇردى.
بىر كېمە دېڭىزغا قۇم چېچىپ، سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلماقتا. دۇبەيدىكى پالما ئارىلى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان سۈنئىي ئارال بولۇپ، دۇبەينىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ئېلىنغان مۇھىم بىر قەدەم. ئۇ دۇبەينىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھازىر دۇبەي دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن ساياھەت ۋە پورت شەھىرى بولۇپ قالدى...
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹