جۇڭگو-قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغىنىغا بىر يىل بولدى. ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى تېز ئاشتى
ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، 2024-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 0 دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق جۇڭگو، قازاقىستان ئىككى دۆلەتكە بېرىپ-كەلگەن ئادەم سانى 182 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، پورتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %27.6ىنى ئىگىلىگەن.
بۇلتۇر كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق قازاقىستانغا بارغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سانى 53 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، چېگرادىن چىققان جۇڭگو پۇقرالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %31ىنى ئىگىلىدى؛ ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن چېگرادىن ۋىزىسىز كىرگەن قازاقىستانلىق يولۇچىلار سانى 38 مىڭ 500 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يېتىپ، چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىكلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %35ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %365 ئاشتى. ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگوغا كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلغان، ئارام ئالغان ۋە سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار جەمئىي 35 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن چېگرادىن ۋىزىسىز كىرگەنلەرنىڭ %92.5 ىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت بازىرى ۋە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشتى.
نۆۋەتتە، بېرىپ-كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈچ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ھەر ئايدا 130 نەچچە قېتىم ئەتراپىدا بېرىپ-كېلىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت چېگراسىدىن كىرىپ چىقىدىغان ئادەم سانى 22 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇۋاتىدۇ.