تۈركىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ

文摘   2024-11-27 23:59   中国  

جۇڭگو-تۈركىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

جاڭ گوچىڭ بىلەن شىمشەك بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا تۈركىيە دۆلەت غەزىنىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شىمشەك بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-تۈركىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزىمىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جاڭ گوچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

شىمشەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.


saybag
你好。欢迎
 最新文章