يېقىندا ياپونىيەدە توكچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەككىز ياشلىق قىزچاق ئىشىكاۋا خىنازى ئىككىنچى خىل ئېلېكتىر ئىنژېنېرىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى، بۇنداق ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىكى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىر ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە دۇكان قاتارلىق جايلاردىكى 600 ۋولتتىن تۆۋەن ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى بار ئىكەن.