ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 13-نويابىر ئىگىلىشىچە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان شۇ كۈنى تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە: نۆۋەتتە، تۈركىيە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى، ھازىر تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ھەم بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقىمۇ ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدۇق، دېگەن.
ئەردوئان تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ئېنىقكى، تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقىغا ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، سودا ئالاقىسىنى توختىتىش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللاندى.