تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
دۆلەت رەھبەرلىرى، ئازدلىق ئارمىيە جەڭچىلكىرى ياكى ج خ ساقچىلكىرى ئالەمدىن ئۆتسە ياكى قۇربان بولسا ئۇلارنىڭ جەسسىدىگە نېمە ئۈچۈن دۆلەت بايرىقى ياكى پارتىيە بايرىقى يېپىلىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرىقى بار؟
دۆلىتىمىزدە ئۇرۇش بولمىغىلى 30 نەچچە يىل بولدى، لېكىن بۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا خەتەر يوقلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىزنىڭ مۇشۇنداق تىنچ، خاتىرجەم ياشىشىمىزدىكى سەۋەب، بەزىلەر ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. بىز كۆرەلمەيدىغان جايلاردا، سانسىزلىغان جەڭچىلەر ئۆز بەدىنى، ھاياتى ئارقىلىق بىزگە تىنچ تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا جەڭچىللىرىمىز قۇربان بولىۋاتىدۇ.
ئاپەت يۈز بەرگەندە، بۇ ھەربىيلەر بىرىنچى بولۇپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى. ئۇلار ئۆز مەسۇلىيىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ، شۇڭا ھەر يىلى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايمىز بۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېشى تېخى كىچىك، ھەتتا توي قىلمىغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز زىممىسىدىكى ۋەتەننى قوغداش مەسۇلىيىتى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلدى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسىتى بايراق بىلەن يېپىلىدۇ، ئەمما بەزىلىرى پارتىيە بايرىقى، بەزىلىرى دۆلەت بايرىقى بىلەن يېپىلغان، نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق بولىدۇ؟
بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى چوڭ بىر پەرق بار، يەنى قۇربان بولغان جاي ئوخشىمايدۇ. بەزى ئىنقىلابىي قۇربانلار خەلقارادا تىنچلىق ساقلاش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا ياكى چەت ئەلدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا قۇربان بولغان، بۇنداق ئەسكەرلەرنىڭ بەدىنىگە دۆلەت بايرىقى يېپىلغان بولىدۇ. بۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ۋەتەننىڭ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىشكە ئادەم ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا خەلقئارادا ئۆز دۆلىتىنىڭ يۈز ئابرويىنى يۇرۇق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردۇ. ئەگەر دۆلەت ئىچىدە قۇربان بولغان بەزى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۈستىگە پارتىيە بايرىقى يېپىلغان بولسا بۇ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۇ. بىراق دۆلەت ئىچىدە قۇربان بولغان بەزى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۈستىگە دۆلەت بايرىقى يېپىلغان، بۇ ئۇلارنىڭ قۇربان بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىگە، دۆلەتكە ئاجايىپ گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، پارتىيە بايرىقى يەنە بۇ ئىنقىلابىي قۇربان ھايات ۋاقتىدا بىر پارتىيە ئەزاسى بولغاچقا، قۇربان بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە پارتىيە بايرىقى يېپىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئىتتىپاق ئەزاسى بولسا، ئۈستىگە ئىتتىپاق بايرىقى يېپىلغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەيلى قانداق بايراق بولسۇن، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى شان ـ شەرەپكە، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ياد ئېتىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەيلى دۆلەت بايرىقى بولسۇن ياكى پارتىيە بايرىقى بولسۇن جەسەت ياكى جەسەت كۈلى قۇتىسىغا يېپىلسا بولىدۇ، لېكىن جەسەت بىلەن بىللە كۆيدۈرۈشكە ياكى كۆمۈشكە بولمايدۇ، شۇڭا كۆمۈشتىن بۇرۇن دۆلەت بايرىقى يىغىۋېلىنىدۇ.