شۇ يەر ۋاقتى 12-نويابىر، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكا كارخانىچىلىرى ئېلون ماسك بىلەن ۋىۋېك راماسۋامىنى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان «ھۆكۈمەت ئۈنۈمى مىنىستىرلىقى»غا بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىگە قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھۆكۈمەت ئۈنۈمى مىنىستىرلىقى» «ھۆكۈمەتنىڭ بىيۇروكرات ئاپپاراتلىرىنى چۇۋۇشقا يول ئېچىپ، ئارتۇق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرى ۋە ئىسراپچىلىق چىقىملىرىنى ئازايتىدۇ ھەمدە قوشما ئىشتات ئاپپاراتلىرىنى قايتا تەشكىللەيدۇ».