ئۆكتەبىردە ياپونىيەدە يېڭى گۈرۈچنىڭ باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ، ھەر كىلوگىرام گۈرۈچنىڭ باھاسى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 19 يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن 2006-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يېڭىلاندى.
2023-يىلى پىژغىرىم ئىسسىق سەۋەبىدىن گۈرۈچ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەپ، تەمىنات ئازىيىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەنى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باھا تەبىئىيلا ئۆرلىگەن.