قەھرىتان سوغۇقتاتانكىلارنىڭ ماتورى توڭلاپ، نەچچە مىڭ ئەسكەر …

文摘   2024-11-19 23:16   中国  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى


ا 2- دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئەڭ مەشھۇر قىياسلارنىڭ بىرى شۇكى، 1941- يىلى قەھرىتان قىش گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ موسكۋانى ئىشغال قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى قەھرىتان سوغۇق قۇتقۇزۇپ قالغانمۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر قەھرىتان قىش گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى دەپ قارايدۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بۇ ئۇرۇشتىن ئۆتەلەيدۇ، ھاۋا پەقەت گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەن دەپ قارايدۇ.  ئىلگىرى كۆپچىلىك بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، كۆپ قىسمى ھاۋا رايى نۇقتىسىدىن تۇتۇش قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ پايدا-زىيىنى ئۈستىدە بىۋاسىتە ئىزدەنگەن، بۇ جەھەتتىكى تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزمىگەن.  لېكىن بىز باشقا بىر نۇقتىدىن، تەيفېڭ بورىنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەسىلىگە ناھايىتى ئېنىق جاۋاب بېرەلەيمىز


گېرمانىيە مەركىزىي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي قوشۇنىنىڭ موسكۋاغا قاراتقان ھۇجۇم ھەرىكىتىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى تەيفېڭ  بورىنى ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ بېشىغىچە باشلانغان، قەھرىتان قىشنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، گېرمانىيە ئارمىيەسى بارغانسېرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، قەھرىتان سوغۇقتا گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ برونېۋىك قىسمى ئۈزۈل-كېسىل پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، تانكا برونېۋىكلىرىنى ئوت ئالدۇرغىلى بولمىدى، مىلتىقلارنى ئېتىشقا ئامال بولمىدى، ئەسكەرلەرنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرىدىغان جابدۇقلىرى كەمچىل بولدى.  11-ئاينىڭ 12-كۈنىگە كەلگەندە، كۈچلۈك سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدە نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گرادۇسلۇق ھاۋا تۇيۇقسىز نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى، مىليون كىشىلىك زور قوشۇن ۋە نەچچە مىڭ تانكا ۋە ئۇرۇش ماشىنىلىرى پۈتۈنلەي توڭلاپ كاردىن چىقتى

ا  11-ئاينىڭ 13-كۈنى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىش سېپىدە، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ 500 دىن ئارتۇق تانكىنىڭ ماتورى توڭلاپ يېرىلىپ كېتىپ، لەڭگەر تاشلاپ ماڭالماي قالدى.  900 نەچچە يۈك ئاپتوموبىلىدا سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىسى كەمچىل بولغاچقا، تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ بىراقلا ۋەيران بولدى، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 9 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى ئۈششۈپ قالدى.  12-ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە، ھاۋا سوۋۇپ كەتكەنلىكى ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى كۈچىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، گېرمانىيە ئارمىيىسى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى


مۇشۇنداق غايەت زور مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلىنغان ئىكەن، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى زادى قانچىلىك؟  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، شۋېتسىيىلىك بىر ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە قۇربان بولۇپ يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئادەم سانىنى قوشقاندا ئاران 60 مىڭغا يەتمىگەن، بۇ ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى ۋە سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە زىيان سالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ سان خېلىلا يېنىك بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇشتا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى 1:10 گە يەتكەن.  بۇنىڭ سەۋەبى، 1941- يىلىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى سوۋېت ئارمىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، مەيلى مەشىق سەۋىيەسى، ھەربىيلەرنىڭ ساپاسى ياكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش سەنئىتى جەھەتتە بولسۇن رەقىبلىرىدىن خېلىلا ئۈستۈن ئىدى.  بولۇپمۇ ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە كۆپ مىقداردا سەرخىل سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تولۇقلىما ئەسكەرلەرنى ئاجرىتىپ كىرگۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۈپەت پەرقىنى كۈچەيتىۋەتكەن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىك بىڭتۈەنىنى پىششىق ئىشلىتىشى بىلەن، ئۇلار چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش ۋە ئايلانما ئۇرۇش تاكتىكىسى ئارقىلىق،  سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە ئەجەللىك زەربە بەرگەن

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر ھاۋا رايى ئەھۋالى داۋاملىق ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ،، سوۋېت ئىتتىپاقى كېيىنكى مەزگىلدە يىراق شەرقتىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ياردەمچى قىسىم يەنىلا ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  گېرمانىيە مەركىزىي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي ئەھۋالى تەيفېڭ بورىنى ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئومۇمىي زەخىملەنگەن ئادەم سانى ئاران 60 مىڭغا يېتىدۇ، تولۇقلانغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۇرۇش كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.  ئىككى تەرەپنىڭ شەكلى ئىككىنچى باسقۇچتىن كېيىن جىددىي بۇرۇلۇش بولغان،  شۇڭا ئەڭ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى يەنىلا شۇ ھاۋارايى سەۋەپ بولىدۇ مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇننى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن،ئەجەبا مۇشۇ سىلەرنىڭ نەچچە سىكونت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئېلان چېكىشىڭلارغا ئەرزىمەمدۇ


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹








saybag
你好。欢迎
 最新文章