ئامېركىنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟

文摘   2024-11-24 23:32   中国  



پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

   

ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ئىستراتېگىيىلىك رەقىبىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش قىلمايلا باشقىلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، دۇنياغا داۋاملىق خوجا بولۇش، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى تەلۋىلەرچە تالان ـ تاراج قىلىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۇسۇلى رايون جەھەتتىن قارىغاندا، ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ياۋروپادا، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرققە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇقىنى ئاساسەن سىقىپ تۈگەتتى. بۇ رۇسىيەنى خېلىلا جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان بولۇپ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۆزىنى قالايمىقان قىلىپ، تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلغان . 

گەرچە رۇسىيە كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە ئەتراپتىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەرپىيات زىيىنىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بىلەن بولغان پەرقى تېخىمۇ چوڭ بولدى. شۇڭا، كۆرۈنۈشتە رۇسىيە مەلۇم دەرىجىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا  ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىگە يەنىلا يەتتى، ئۇ بولسىمۇ رۇسىيەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ۋە ئامېرىكىدا رىقابەت كۈچى بارغانسېرى كەمچىل بولماقتا.

ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بولسا، ئامېرىكا ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىدىغان رەڭلىك ئىنقىلاب قىلدى، ئۇ دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئامېرىكاپەرەس كۈچلەرنى ئامېرىكىغا قارشى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا كۈشكۈرتتى. ئامېرىكاپەرەس ئۆكتىچىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ھوقۇق تارتىۋالالمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى سەرپىياتى ئېغىر بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن يەنە قارشىلىشىدىغان ئەمەلىي كۈچى بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتىمۇ ئوخشاشلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەگەر رەقىبىنىڭ ھەقىقەتەن ئەمەلىي كۈچى بولسا، ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭمۇ كۈچى يەتمىسە، بۇ چاغدا ئامېرىكا ئۆزى سەكرەپ چىقىپ، مەسىلىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىدۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغىنى ئىراق.

شەرقىي ئاسىيا رايونىمۇ ئامېرىكا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي. ھەربىي جەھەتتىن توسۇشتىن باشقا، ئامېرىكا يەنە بۇ رايوندىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرگە سودا ئۇرۇشى قىلىپ، سودا قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش قەدىمىنى كېچىكتۈرمەكچى بولدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، بۇ يەرنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا پات ـ پات بىر نەچچە پاراخوتنى شۇنچە يىراقتىن ھەيدەپ  كېلىپ، ئاتالمىش قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداش چوڭ نىقابى ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە قالايمىقانچىلىق ۋە جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلىدىغان قارا نىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى قىلدى!

توغرا، توشقان ئۇۋىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوت ـ چۆپلەرنى يېمەيدۇ ئامېرىكا توشقانغىمۇ يەتمەيدۇ، ئامېرىكا قىتەسىدىكى يېقىن قوشنىلىرى گەپ ئاڭلىمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن يىغىشتۇرۇپ بولدى، پاناما، گرېنادا، ھايتى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئامېرىكا بېسىقتۇردى، ھازىر يەنە رەزىل نەزىرىنى ۋېنېسۇئېلاغا قاراتتى. دۇنيادا ئەسلى ئىش يوق، ئامېرىكا ئۆزىگە ئۆزى ئىش تاپىدۇ. جاھاننىڭ قالايمىقان بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان ئامېرىكا ھەر ۋاقىت جاھان ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك غايەت زور مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ جەھەتتىكى پايدىنى كۆرگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئامېرىكىنى باي قىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنە يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قورال ـ ياراغ ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلانغان، ئىگىلىگەن نىسبىتى پۈتۈن دۇنيادىكى 36% كە يەتكەن،ئاساسلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوننىڭ قەيىرىدە ئامېرىكىچە جابدۇقلار يوق؟

جاھان قالايمىقانلاشمىسا، ئۇنىڭ قورالىنى ئالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق كۆپ پۇلنى قانداق تاپىدۇ؟ شۇڭا، يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى قالايمىقان قىلىشتىكى مەقسىتى مەنپەئەت ئۈچۈن. ھازىر، مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ترامپ جاھاننىڭ قالايمىقان بولماي  قېلىشىدى  تېخىمۇ قورقىدۇ!






saybag
你好。欢迎
 最新文章