تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
ئۆزلىرىنى 《دۇنيا ساقچىسى 》دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلغىلى 244 يىل بولدى، 10 قېتىم چوڭ ھەربىي فورما ئالماشتۇردى، پاسونى بىر- بىرىدىن كلاسسىك.
بوستوندىكى چاي تۆكۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىسى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 1775ـ يىلى 4ـ ئاينىڭ 18ـ كۈنى، مۇستەملىكە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر لېكىستوندا ئەنگلىيەگە قارشى مىلتىق ئاۋازىنى ياڭراتتى، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلاندى. 1775ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 14ـ كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە قارشى چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى يەنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇشنى قارار قىلغان، جورجى ۋاشىنگتون باش قوماندان بولغان.
ھازىرغىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 244 يىللىقى تەبرىكلەندى.
بۇ 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كۆپ خىل ئۇرۇشقا قاتناشتى.شۇنداقلا ئىزچىل دۇنيا ۋەزىيتىنى قالايمىقان قىلىپ كەلدى، ھەربىر دەۋىردىكى قالايمىقانچىلقلار ئارىسىدا ئامىرىكىنىڭ قان ھىدى پۇراپ كەتكەن ھەربىي فورمىسىنىڭ سىماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىي فورمىسى قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ تۆۋەندە بىر قاتار رەسىملەر ئارقىلىق سىزنى بىر مىنۇت ئىچىدە بۇ ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار قىلاي.
مۇستەققىلىق ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىىي فورما
ت. 1775-يىلىدىن 1800-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن
ت.1812-يىلىدىكى ئامىرىكا ئەنگىلىيە ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما. 1800-يىلىدىن 1850-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن
ئامىرىكا ئىچكى ئۇرىشىدىكى شىمال ئارمىيسىنىڭ ھەربىي فورمىسى، 1801-يىلىدىن 1910-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن.
ئامىرىكا ئىچكى ئۇرىشىدىكى جەنۇب ئارمىيسىنىڭ ھەربىي فورمىسى، 1861-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن
بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما 1910-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما 1930- يىلىدىن 1950- يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن
چاۋشىيەن ئۇرىشى ۋە ۋېيتنام ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما، 1950- يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن.
ئامىرىكا- پاناما ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما، 1980-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن
دېڭىز قولتۇقى ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما
ت. 1990-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن
ئېراق ئۇرىشى ۋە ئافىغانىستان ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما، 2000-يلىدىن 2012-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن.
ھازىر ئىشلىتىلۋاتقان ھەربىي فورما، 2012-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىلۋاتىدۇ
يۇقارقى سۈرەتلەردە كۆرسىتىلگەن ھەربىي كىيىم مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش كىيىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەر بىر ئەسكەر سەپلەپ بېرىلگەن . ئالدى ـ كەينىنى سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، ھەربىي كىيىمنىڭ ئۆزگىرىشى ھازىرقى زامان ئۇرۇش ئېھتىياجىغا بارغانسېرى ماس كېلىدىغان بولۇپ، ھەر خىل ئىنچىكە ھالقىلاردىكى لايىھەلەر ئەسكەرلەرنى قوغداش، ئۇرۇش قىلىشقا قولايلىق بولۇش جەھەتتىن ئويلىشىلغان، ئۇنىڭ ئىقتىدارى كىيىم ـ كېچەك كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ كەتكەن.
ئامىرىكىنىڭ ھەربىي فورمىللىرى ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىنىڭ ھەرب فورما لاھىيەلەشتىكى ئالدىنقى ئۆلچىمى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ 07 تىپلىق ھەربىي فورمىسىمۇ ئامىرىكا ھەربىي فورمىسىنى ئۆرنەك قىلىپ زور دەرجىدە ئۆزگەرتىش قوشۇلۇپ لاھىيەلەنگەن. 2017ـ يىللىق مالىيە يىلىدىكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي 460 مىڭ، مىللىي مۇھاپىزەت ئەترىتى 335 مىڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە زاپاس ئەترىتى 195 مىڭ ئىكەن. 1940ـ يىلى 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەربىي ھازىرلىقلار كۈچەيگەن چاغدىكى سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى كۆلەم كىچىكلەپ كەتكەن.