بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر

文摘   2024-09-29 21:02   新疆  

 

بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللار تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، بالىياتقۇنى ئىللىتىش، زەھەر ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئېرىشىدۇ.

بىرىنچى، لۇڭيەن(桂圆)

لۇڭيەن كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ھەمدە دائىم ئىستېمال قىلىدىغان مېۋە. ئاياللارغا نىسبەتەن بولۇپمۇ بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتە لۇڭيەننى كۆپ ئىستېمال قىلىشى زۆرۈر، چۈنكى لۇڭيەن تىپىك ھالدىكى ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولۇپ، تالنى قۇۋۋەتلەش، سوغۇقنى ھەيدەش، قان تولۇقلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە، بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇ بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى شۇنداقلا زەھەرنى ھەيدەپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىدىن يىراق قىلىدۇ.

ئىككىنچى، مامۇرانچىن(黄连)

مامۇرانچىن بىر خىل دورىلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەيزىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، مامۇرانچىننىڭ يەنە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش، قان ئۇيۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار، شۇڭلاشقا بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ كۆپرەك ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئادەتتە مامۇرانچىننى قايناقسۇغا سېلىپ ئىچسە، بالىياتقۇدىكى زەھەرنى ھەيدەشكە پايدىسى بار.

ئۈچىنچى، سۇلۇ(燕麦)

سۇلۇنى كىشىلەر ئادەتتە ناشتىدا كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. مەسىلەن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك سېللۇلوزىسى ۋە مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭلاشقا سۇلۇ دائىم پۇت-قولى مۇزلايدىغان، بالىياتقۇسىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ يېيىشىگە بەكرەك ماس كېلىدۇ.

تۆتىنچى، قىزىل پۇرچاق(红豆)

قىزىل پۇرچاقنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولى بار، ئۇ يەنە قان كۆپەيتىپ بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاياللارنىڭ تېنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشقا ياردىمى كۆپ، شۇڭلاشقا قىزىل پۇرچاق ئاياللار ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭ يەنە بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەش، سوغۇقنى تەن سىرتىغا چىقىرىش قاتارلىق رولىمۇ بار.

بەشىنچى، قارا شېكەر سۈيى(红糖水)

قارا شېكەر سۈيى بىزگە ناتونۇش ئەمەس، بولۇپمۇ ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە دائىم قارا شېكەر سۈيى ئىچىپ ئادەتنى تەڭشەيدۇ. قارا شېكەر سۈيى بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، ئۇيۇپ قالغان قاننى پارچىلايدۇ، بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەندە كۆپىنچە ھاللاردا ھەيز قېنى بەدەندە تۇرۇپ قېلىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا دائىم قارا شېكەر سۈيى ئىچىپ بەرسە بالىياتقۇدىكى زەھەرنى ھەيدىگەندىن سىرت، يەنە بالىياتقۇنى ئىللىتىپ، ئاياللار كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

 

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章