جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى!
سودا مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا چەك قويۇش ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قائىدىسىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
سوئال: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا چەك قويۇش ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قائىدىسىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
جاۋاب: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا چەك قويۇش ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قائىدىسىنى چىقىرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ھەمدە تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرىنى قوللىنىشى تىپىك بولغان بازارسىزلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. ئامېرىكا تەرەپنىڭ چەكلەش تەدبىرلىرى ئۆزەك، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت ھېسابلاش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، بۇ ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق كۆپ ساندىكى كەسىپلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلمايدۇ، لېكىن ھەممىسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا كاشىلا قىلىدۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ نۇرغۇن ئامېرىكا سودا جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا چەك قويۇشى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى باشقا دۆلەتلەردىكى رىقابەتچىلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇشنى توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە