خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى تونۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
爸妈,咱们能好好说话吗?
دادا، ئاپا، بىز ياخشىراق پاراڭلاشساق بولامدۇ؟
ღ ღ ღ
我不怨别人,最怨的是爸妈
مەن باشقىلاردىن ئاغرىنمايمەن، ئەڭ ئاغرىنىدىغىنىم دەل ئاتا-ئانام.
我和小周见面那天,她正喝着失恋的大酒。像只猩红的兔子,醉醺醺眼红红。
مەن شياۋجوۋ بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى، ئۇ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ھاراقنى تازا ئىچىۋاتاتتى. غەرق مەست بولۇپ، كۆزلىرى خۇددى قىپقىزىل توشقانغا ئوخشاش، قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
本以为小周会念叨一段渣男怨女的心酸史,怎知道,她开口就是,“我讨厌我爸妈。非常讨厌。”
مەن تېخى شياۋجوۋنى داشقال ئەرگە يولۇقۇپ قالغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق تارىخى ھەققىدە بىر ھازا ئاغرىنىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىپلا: «مەن ئاتا-ئانامغا ئۆچ، بەكلا ئۆچ» دېيىشىنى نەدىن بىلەي.
故事并不复杂。上个月初,小周把交往了几年的男友带进门,却遭到家中人强烈反对。
ھېكايە ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس. ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا، شياۋجوۋ ئارىلاشقىلى بىر نەچچە يىل بولغان ئوغۇل دوستىنى ئۆيىگە ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
用她妈妈的话来说,男生相貌一般,家境平平,更别谈什么经济承担能力了。
ئاپىسىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ يىگىتنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە، ئائىلە ئەھۋالىمۇ ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
偏偏呢,小周从小在蜜罐里长大,和家里闹分裂算是破天荒。如此一来,她妈更是生气,向来听话的乖孩子,怎能被一个混球小子带跑?
قېرىشقاندەك، شياۋجوۋ كىچىكىدىن تارتىپ ماي ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۆلۈنۈش پەيدا بولۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئاپىسى تېخىمۇ خاپا بولدى، ئەزەلدىن گەپ ئاڭلايدىغان ياۋاش بالىسىنى قانداقسىگە بىر ئەبلەخ ئېلىپ قاچىدۇ؟
身为母亲,难免担心女儿每天只吃水煮挂面配咸菜,担心她为下个月房租熬白了头,更担心她过上一眼望到尽头的生活。
ئانا بولغۇچى قىزىنىڭ ھەر كۈنى پەقەت قۇرۇق سۇدا پىشۇرۇلغان چۆپ بىلەن تۇزلانغان كۆكتات تەييارلىشىدىن، ئۇنىڭ كېلەر ئايدىكى ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن باش قاتتۇرۇشىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ بىر قارىسىلا ئاخىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان تۇرمۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
当叛逆的姑娘撞上更年期的妈,一个步步紧逼,一个捂耳不听,歇斯底里的意气话讲了一宿又一宿,酸的咯牙。
بەڭباش قىز كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئانىسىغا يولۇقۇپ قالدى، بىرى توختىماي قىستاپ كەلدى، يەنە بىرى قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ قۇلاق سالمىدى، ئەسەبىيلەشكەن ھالدا كېچە-كۈندۈز توختىماي ئۇرۇشتى.
到后来,她妈彻底怒了。当场下死命令,让她速速分手。小周央求无果,只好点点头,假装妥协。
كېيىن، ئۇنىڭ ئاپىسى قاتتىق غەزەپلىنىپ، نەق مەيداندا ئۇنى تېز ئايرىلىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. شياۋجوۋ يالۋۇرۇپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتىپ، يالغاندىن مۇرەسسە قىلغان بولۇۋالدى.
几周过去,男孩没来找她。听朋友说,男孩换了工作,抱了新欢,搬了新家。
بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، يىگىت ئۇنى ئىزدەپ كەلمىدى. دوستىنىڭ دېيىشىچە، يىگىت خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى قىز دوست تېپىپتۇ، يەنە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپتۇ.
“要不是我爸妈,我和他可能走到那一步吗?”“看我现在这鬼样子,能怪谁?”
«دادام-ئاپام ئۇنداق قىلمىغان بولسا، يىگىتىم بىلەن ئۇنداق بولۇپ كېتەرمىدىم؟» «ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمدا، كىمدىن ئاغرىنىمەن؟»
小周说,她不怨别人,最怨的是爸妈。
شياۋجو ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئاغرىنمايدىغانلىقىنى، ھەممىدىن بەك ئاتا-ئانىسىدىن ئاغرىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ღ ღ ღ
别把宣泄情绪,当成解决问题
دەردىنى تۆكۈشنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، دەپ قېلىشقا بولمايدۇ.
听小周说完,我一时语噎。
شياۋجوۋنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
身为局外人,我无意评断这段爱情谁对谁错。只是她这段家长里短背后,似乎隐匿着一个避之不及的问题:父母和子女,到底该如何沟通?
مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ مۇھەببەتتە كىمنىڭ قىلغىنى توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايمەن. پەقەتلا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر مەزگىللىك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ئارقىسىغا «ئاتا-ئانىسى بىلەن پەرزەنتلىرى زادى قانداق پىكىرلىشىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلە يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى.
两代人,是两个世界。假若二老思想开明,孩子的生活倒也轻松无碍;但若他们封闭狭隘,则免不了苦雨凄风。
ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر ئىككى دۇنياغا تەۋە. ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ ئىدىيەسى ئوچۇق بولسا، بالىنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئەركىن-ئازادە بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار تار دائىرىدە بېكىنمىچىلىك قىلسا، ئائىلىمۇ بوران-چاپقۇندىن خالىي بولالمايدۇ.
要是掰着指头数数,父母最操心的问题也就三个:婚恋,工作,生活方式。
قاراپ باقىدىغان بولساق، ئاتا-ئانىلار ئەڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلە توي، مۇھەببەت، خىزمەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئىدى.
感情上,他们认为越早成家越好,最合适的莫过于门当户对;工作上,少玩花头,要挑就挑“稳定、可靠、有面子”的。
ھېسسىيات جەھەتتە، ئۇلار قانچە بالدۇر ئۆي-ئوچاقلىق بولسا شۇنچە ياخشى، ئىككى ئائىلىنىڭ شارائىتى ئوخشاش بولسا ئەڭ مۇۋاپىق، دەپ قارايدۇ؛ خىزمەتتە، بەتخەجلىكنى ئاز قىلىپ، «مۇقىم، ئىشەنچلىك، يۈز-ئابرويلۇق» بولۇشنى تاللايدۇ.
像什么吃穿住行、生活习惯、专业选择,更是不消说了,总少不了爸妈那台主场戏。
يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش، تۇرمۇش ئادىتى، كەسىپ تاللاش دېگەنلەرنى دېيىش تېخىمۇ ھاجەتسىز، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارىلىشىشى كەم بولمايدۇ.
“我都是为了你好,你是不是想气死我啊?”
«مەنمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن، مېنى تېرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرەي دەمسەن؟»
“你如果非要这样,就是身在福中不知福。”
«ئەگەر مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ، بەخت ئىچىدە تۇرۇپ بەختنى بىلمىگەن بولىسەن.»
“等过了几年以后吃了亏,你别来跟我哭!”
«بىر نەچچە يىلدىن كېيىن زىيان تارتساڭ، كېلىپ ماڭا يىغلاپ بەرمە!»
印象里,我和家人的每次争吵,都不是为了「解决问题」,而是为了「宣泄情绪」。若要碰上对方硬碰硬,结果只会更糟。
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق تالاش-تارتىشنىڭ ھەممىسى «مەسىلىنى ھەل قىلىش» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «ئاچچىقىنى چىقىرىش» ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قارشى تەرەپمۇ گەپ يېمەيدىغاندىن بولسا، نەتىجە تېخىمۇ چاتاق بولاتتى.
但影响沟通的,往往是沟通本身。站在对立面的俩人,很少会去思考:彼此沟通的语言方式、姿态对吗?选择的时机、场景合适吗?
لېكىن، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغىنى كۆپ ھاللاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆزى بولاتتى. قارىمۇ-قارشى تەرەپتە تۇرغان ئىككى ئادەم «ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلۇم، قىياپىتىم توغرا بولدىمۇ؟ تاللىغان پەيت، سورۇن مۇۋاپىقمۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ناھايىتى ئاز ئويلىشىدۇ.
毕竟,人与人之间的关系,可以互有博弈,却不能一味倾斜。
قانداقلا بولسۇن، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، ئۆزئارا تىركىشىش بولىدۇ، ئەمما ئۈزلۈكسىز بىر تەرەپكىلا مايىل بولۇۋەرمەيدۇ.
那些无意义的“论战”,赢了不忍心,输了闹心。当双方选择暴力沟通方式,以争吵,冷战,谩骂来互相对抗时,就只剩一个结局——
ئاشۇ ئەھمىيەتسىز «مۇنازىرە»لەردە يېڭىلىشقا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئۇنىمايدۇ، ئۇتتۇرۇپ قويسا ئىچى تىتىلدايدۇ. ئىككى تەرەپ زوراۋانلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، تالاش-تارتىش، سوغۇق مۇناسىۋەت، تىل-ئاھانەت بىلەن ئۆزئارا تىركەشكەندە، پەقەت بىرلا ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ:
爸妈痛斥孩子幼稚,盲目,不知天高地厚;孩子反感爸妈死板,功利,管得太宽。
ئاتا-ئانىلار بالىلارنى گۆدەك، قارىغۇلارچە ئىش قىلىدۇ، ئۆزىنى چاغلىمايدۇ، دەپ قاتتىق ئەيىبلەيدۇ؛ بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتمال، مەنپەئەتپەرەسلىكىدىن، ھەممە ئىشقا چات كېرىۋېلىشىدىن بىزار بولىدۇ.
ღ ღ ღ
在家蹭吃蹭住,就活该不自由
تاماقنى ئۆيدە يېگەنكەنسىز، ئەركىن بولالماسلىقىڭىزمۇ ھەقلىق.
ئاپام ئىككىمىزنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىككىڭلار يېقىن دوستلاردەك، خۇددى سىرداش دوستتەك كۆرۈنىدىكەنسىلەر، دەيتتى.
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم توختاپ قېلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالدى. بۇ خۇددى تۇيۇقسىز توختىتىپ قويۇلغان بىر پويىزغا ئوخشاش تۆۋەن ئاۋازدا گۈدۈك چېلىپ، رېلىسنى بوش تەۋرىتىپ تۇرغان بىلەن، ئەمما مەسىلىنىڭ زادى قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
بىر نەچچە قېتىم، ئىككىمىز سۆزلەۋېتىپ ئۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ مېنى ۋىجدانسىز دەپ تىللىدى، مەن ئۇنى بەك ئۆز بېشىمچى دەپ ۋاقىرىدىم. ئۇ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ يىغلاپ كەتتى، مېنىڭ يۈرىكىم تىترەپ كەتتى.
ئاپامنىڭ تەكەببۇر، نازۇك، يۈز-ئابرۇيىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلمەي قالاي. كۈندىن-كۈنگە قېرىپ كېتىۋاتقان بۇ ئايال پەقەتلا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا موھتاج بولۇشىنى، دىققەت قىلىشىنى، كۆپرەك سۆزلىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام شەخسىيەتچى، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان «ۋاپاسىز» ئىدىم ——
ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئۇلۇغۋار ئارمانلىرىم بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تىرىشچانلىقىم يوق ئىدى؛ ئۆزۈم يالغۇز سومكامنى ئېسىپ ساياھەت قىلىشنى ئويلايتتىم، لېكىن ئۆز ھاجىتىمدىن چىقىش ئىقتىدارىم يوق ئىدى؛ بىر تەرەپتىن ئائىلەمنىڭ ئىللىقلىقىدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەيتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلەمنىڭ قوپاللىقىنى كەمسىتەتتىم.
راست گەپنى قىلسام، تۇرمۇشۇمنى بەك ناچار ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرسام، ئاپامنىڭ مېنى چۈشىنىشىدىن، مېنى ھۆرمەتلىشىدىن، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟ ئۆيدە تاماق يېيىشتەك پايدىلىق تەرەپلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتسام، ئۇنىڭ ماڭا كوتۇلداشلىرىدىن بىزار بولۇشقا قانداقمۇ سالاھىيىتىم توشسۇن؟
再后来,我算是悟了:不要试图给爸妈强行洗脑,谁会轻易接受颠覆的三观呢。
كېيىن مەن ئاخىرى چۈشەندىم: ئاتا-ئانىڭىزنى گېپىڭىزگە كىرىشكە مەجبۇرلاشقا ئۇرۇنماڭ، كىممۇ ئۆزىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلىك ھايات قارىشىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ؟
更重要的是行动力。
ھەرىكەت كۈچى تېخىمۇ مۇھىم.
想出门旅行,就自己写稿挣钱,赚够路费。妈妈若不肯,便打印厚厚的出行计划。像什么订好的酒店、一起去的玩伴、安排好的路线……她担心什么,就作答什么。
سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز پۇل تېپىپ، يول كىراسىنى تەييارلاڭ. ئەگەر ئاپىڭىز ئۇنىمىسا، زاكاس قىلىپ قويغان مېھمانخانا، بىللە بارىدىغان ھەمراھلار، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان سەپەر لىنىيەسى دېگەندەك تەپسىلىي بولغان سەپەرگە چىقىش پىلانىنى يېزىپ چىقىپ ئاپىڭىزغا كۆرسىتىڭ. ئۇ نېمىدىن ئەندىشە قىلسا، شۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭ.
想放弃考研,就多和她聊聊,眼前的安排打算,每天做了哪些事,读了那些书。她不在身边的日子,也能看到女儿快速成长,学做自己喜欢的事儿。
ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر كۈنى قايسى ئىشلارنى قىلىش، قايسى كىتابلارنى ئوقۇش دېگەندەك ئىشلارنى ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىڭ. ئۇ يېنىڭىزدا بولمىغان كۈنلەردىمۇ، بالىسىنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرسۇن.
说白了,最好的沟通术,莫过于以自己的“独立”和“能力”为底气,和爸妈谈心说事。而不是一身戾气,相看两厌——
گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ توختىماي ئاغرىنىپ، بىر بىرىگە قارىغانچە ئۆچ بولۇپ كېتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ «مۇستەقىللىقى» ۋە «ئىقتىدارى»نى ئاساس قىلىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن سىردىشىشتۇر.
回想那些被虚耗的日子,只有恨和悔。
بولمىسا، بىكاردىن بىكار ئىسراپ قىلىنغان ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلىگەندە، نەپرەت ۋە پۇشايماندىن باشقا نەرسە قالمايدۇ.
ღ ღ ღ
倾诉不如倾听,遮掩不如分享
دەرد تۆككەندىن كۆرە، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان ياخشى، يوشۇرغاندىن كۆرە، تەڭ بەھرىمەن بولغان ياخشى.
翻看《白鹿原》的时候,有一瞬,我是泪目的。
«بەيلۇ تۈزلەڭلىكى» ناملىق كىتابنى ئوقۇۋېتىپ، مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى كۆرگەندە، كۆزلىرىمگە ياش ئالغان ئىدىم.
那会儿,白灵执意要去城里读书,磕完头就走了。在校门口,她恨不得立马冲进学校,白嘉轩喊住了她,转身在马车的篓子里掏了掏。
شۇ چاغدا، بەي لىڭ شەھەرگە بېرىپ ئوقۇشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، باش ئۇرۇپ بولۇپلا كېتىپ قالىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا، ئۇنىڭ دەرھاللا مەكتەپكە كىرگۈسى كېلىپ كېتىدۇ، بەي جياشۈەن ئۇنى چاقىرىپ توختىتىۋېلىپ، بۇرۇلۇپ ئات ھارۋىسىدىكى سېۋەتنى مالتىلايدۇ.
是一袋银元。他递给白灵,嘱咐道,别饿着自己。
سېۋەتتە بىر خالتا كۈمۈش تەڭگە بار ئىدى. ئۇ ھەممىسىنى بەي لىڭگە بېرىپ، ئۆزىنى ئاچ قويماسلىقنى تاپىلايدۇ.
想起大学这几年,我妈记性没以前好了,有条短信,她每学期会发我一遍,“妈不指望你常回家,只希望你能离我近点,让我老了能去看看你。”
ئالىي مەكتەپتىكى نەچچە يىلنى ئەسلىسەم، ئاپامنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس ئىدى، بىر قىسقا ئۇچۇرنى ئۇ ھەر مەۋسۇمدا ماڭا بىر قېتىم يوللايتتى: «دائىم ئۆيگە قايتىشىڭدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن، پەقەتلا سېنىڭ ماڭا يېقىنراق تۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن قېرىغاندىمۇ سېنى يوقلاپ بارالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.»
也是慢慢的,我开始享受我妈的唠叨。听她碎烦两三个小时,关于她的过去。从疯丫头到大姑娘,从谈恋爱,到我出生,考职称,再到近些年的甜酸。
ئاستا-ئاستا، مەن ئاپامنىڭ كوتۇلداشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ ئىككى-ئۈچ سائەت كوتۇلدىشىنى، ئۆزىنىڭ ئەركە قىزچاقدىن چوڭ قىزغا ئايلىنىشقىچە، مۇھەببەتلىشىشتىن تارتىپ، مەن تۇغۇلغانغىچە، ئۇنۋان ئالغىچە، يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاچچىق-چۈچۈك ئىشلارغىچە ... ئۆتمۈشى توغرىسىدا پاراڭ سېلىشىنى ئاڭلايدىغان بولدۇم.
平时呢,多肯定她,夸她做菜辛苦了,家里的饭最好吃。她喊我时候,少板着脸,听到就要吱声。
ئادەتتە، ئۇنى كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «تاماق ئېتىپ بەك جاپا تارتتىڭىز، ئۆيدىكى تاماقلار ئەڭ يېيىشلىك» دەپ ماختايدىغان بولدۇم. ئۇ مېنى چاقىرغان چاغدا، قاپىقىمنى تۈرمەي، ئاڭلىساملا ھە دەيدىغان بولدۇم.
其实啊,爸妈没有想象中那么古板,那么不通情理。他们也年轻过。
ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىڭىزمۇ ئويلىغىنىڭىزدەك ئۇنداق قاتمال، گەپ چۈشەنمەيدىغانمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭمۇ ياشلىقى بولغان.
你可以试着和父母做朋友,开玩笑、瞎唠嗑、扯扯身边趣事儿;也可以分享自己的兴趣点,让他们多点年轻心态。
ئاتا-ئانىڭىز بىلەن دوست بولۇشۇپ، چاقچاق قىلىشىپ، پاراڭ سېلىشىپ، ئەتراپىڭىزدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۇلارنى ياشراق روھىي ھالەتكە ئىگە قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
像平时,我会教妈妈做表情包,安利她热播剧,陪她去瑜伽课,带她山野听风、星夜踏浪。
ئادەتتە، مەن ئاپامغا چىراي ئىپادىسى ياساشنى ئۆگىتىمەن، مودا بولۇۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يوگا دەرسىگە بارىمەن، ئۇنى ئېلىپ تاغ-دالىلاردا ساياھەت قىلىپ، يۇلتۇزلۇق كېچىلەردىن ھوزۇرلىنىمەن.
虽然我还没有强大到洞穿我妈的内心,但时间让我越来越学会,多一份接纳和体谅。
گەرچە مەن تېخى ئاپامنىڭ قەلبىنى تولۇق چۈشەنگۈدەك كۈچلۈك بولمىساممۇ، لېكىن ۋاقىت ماڭا كۆپرەك قوبۇل قىلىش ۋە چۈشىنىشنى بارغانسېرى ئۆگىتىپ قويدى.
ღ ღ ღ
孩子长大了,变得太快,但她还是旧时光里那个呆萌、偶尔脱线的、被我落在身后的妈妈,能不能不要跑那么快,等等她?
بالىلار چوڭ بولسا، بەك تېزلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ئانىلار يەنىلا ئۆتمۈشتىكى ھېلىقى ئوماق قىز، بەزىدە سەپتىن قالىدىغان، كەينىمىزدە قالغان ئانىلاردۇر، ئۇنداق تېز يۈگۈرمەي، ئۇنى ساقلاپ تۇرسىڭىز بولامدۇ؟
想想自己前二十年有多少“无知”,就能理解,爸妈后二十年有多少“愚昧”。
ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىنقى 20 يىلدا قانچىلىك «ئەقىلسىز» ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىسىڭىزلا، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كېيىنكى 20 يىلدا قانچىلىك «نادان» ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيسىز.
但别忘了,他们对你的爱,借走的是糖,还回的是心。且珍惜。
لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىدە تاتلىقلىق ئازىيىپ قالسىمۇ، ھەقىقىي مېھىر كۆپىيىدۇ. ئۇلارنى كۆپرەك قەدىرلەڭ.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ | بىز ئالاقىلاشمىغىلى قانچىلىك بولدى؟
◇ خەيرلىك كەچ | 20 ياشقا كىرىپلا 40 ياشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈمەن دېمەڭ
◇ خەيرلىك كەچ | ياخشىلىقنى يوشۇرۇنچە قىلىڭ
◇ خەيرلىك كەچ | سىز يولۇققانلارنىڭ ھەممىسى سىز سەۋەبلىك كەلگەن
◇ خەيرلىك كەچ | ياخشى ئايال بىلەن توي قىلىش — ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىتى
◇ خەيرلىك كەچ | بالىنى «باياشات بېقىش» قانداق بولىدۇ؟
◇ خەيرلىك كەچ | سىز قاچقان ئاۋارىچىلىق ھامان سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ | بالام، ئانىڭىزنىڭ ئىپتىخارى بولۇشىڭىز ھاجەتسىز
◇ خەيرلىك كەچ | ياخشى غىزالىنىش ئائىلىگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم؟
◇ خەيرلىك كەچ | بارلىق مۇناسىۋەتلەر مانا مۇشۇنداق سۇسلىشىپ كېتىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ | بىر ئۆمۈر نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان تۇرمۇش پەلسەپىلىرى
◇ خەيرلىك كەچ | قانچە قاچقانسېرى، تۇمشۇقىڭىزغا شۇنچە يەيسىز