بەدەن شەكلىڭىز ئەمەلىي كۈچىڭىزنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسىدۇر

时事   2024-11-19 23:28   北京  

بۇ سەھىپىمىزنى قوللىسىڭىز چەمبىرەك ۋە توپلىرىڭىزغا كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز

سەھىپىمىزنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى دەل بىزنىڭ بۇ سەھىپىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى




你的身材,就是你的实力

بەدەن شەكلىڭىز ئەمەلىي كۈچىڭىزنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسىدۇر

ღ ღ ღ

最近,有个台湾网友在社交网站上,晒出了自己老公四年前和现在的对比照片,真的是“胖”若两人,看后不少网友笑称“曾经帅若吴亦凡,如今胖成猪八戒”。


يېقىندا، تەيۋەنلىك بىر تورداش ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە، ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ تۆت يىل بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى سېلىشتۇرما سۈرىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئېرىنىڭ سېمىز ھالىتى پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. نۇرغۇن تورداشلار كۆرگەندىن كېيىن: ئىلگىرى تاڭسىڭدەك كېلىشكەن ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندە سېمىزلىكىدىن جۇ باجيېغا ئايلىنىپ قاپتۇ، دېيىشتى. 

网友们也不示弱,纷纷在社交网站上自爆“家丑”,晒老公四年前和现在的对比图,看一圈下来,不禁感叹:岁月真的是一把猪饲料。


باشقا تورداشلارمۇ بوش كەلمەي، ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئەرلىرىنىڭ تۆت يىل بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى سېلىشتۇرما رەسىمىنى ئاشكارىلىدى ھەمدە ئىختىيارسىز ئاھ ئۇرۇپ: يىللار ھەقىقەتەن رەھىمسىز ئىكەن، دېيىشتى. 

我观察身边的朋友们,特别是男生,堕落都是从疏远了运动开始的,尤其是毕业后,忙于工作应酬和享乐,又不节制饮食,三五年后,自然从当年清秀的少年,一个个都变得脑满肠肥,臃肿不堪,满脸横肉的油腻大叔。


مەنمۇ ئەتراپىمدىكى دوستلارنى، بولۇپمۇ ئوغۇللارنى كۆزەتتىم، چۈشكۈنلىشىش __ ھەرىكەت قىلىشنى تاشلاپ قويۇشتىن باشلانغانىدى، بولۇپمۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت، مېھماندارچىلىق ۋە راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىش، شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەككە چەك قويماسلىق سەۋەبىدىن، تۆت-بەش يىلدىن كېيىن، ئەينى يىللاردىكى چىرايلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئىيلا سېمىز، كېلەڭسىز، يۈزى گۆشلۈك تاغاشلارغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. 

村上春树说:“肉体是每个人的神殿,不管里面供奉的是什么,都应该好好保持它的强韧、美丽和清洁。”深以为然。一个人开始堕落,往往是从不注意身材开始的。


ياپونىيەلىك يازغۇچى مۇراكامى: «بەدەن ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇقەددەس جايى، مەيلى ئىچىدە نېمە بولسۇن، ئۇنىڭ چىدامچانلىقى، گۈزەللىكى ۋە پاكىزلىقىنى ياخشى ساقلاش كېرەك» دەيدۇ. بۇ ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان. بىر ئادەمنىڭ چۈشكۈنلىشىشكە باشلىشى كۆپ ھاللاردا بەدەن شەكلىگە دىققەت قىلماسلىقتىن باشلىنىدۇ. 


ღ ღ ღ

你的身材,正是你赋予生活的模样

بەدەن شەكلىڭىز دەل تۇرمۇشىڭىزنىڭ قىياپىتىدۇر. 

大学毕业10年的同学会上,最让我吃惊的不是谁谁混得多牛逼,谁谁过得多落拓,而是大家身材的变化。一个个迎风飞扬的健壮少年,都在岁月的消磨下,变得面目模糊、臃肿不堪,曾经娇媚苗条的少女,也开始向着庸俗肥腻的欧巴桑发展。


ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا، مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى كىمنىڭ بەك قالتىس بولۇپ كەتكەنلىكى، كىمنىڭ روناق تاپالماي يۈرگىنى بولماستىن، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ بەدەن قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش بولدى. ئەينى چاغلاردىكى جەۋلان قىلىۋاتقان ساغلام ئۆسمۈرلەر يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خۇنۈك، كېلەڭسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئىلگىرىكى زىلۋا قىزلار بولسا سېمىز چوڭ ئانىلارغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىدى. 

想到读书时,即便是课间那一点点时间,男生们也要跑到操场上玩会投篮,踢几脚足球。在宿舍,常常是随手抓着上铺的栏杆,来几个引体向上。而现在酒量更大了,烟也不离手了,啤酒肚也凸显在皮带之外。


ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، دەرس ئارىلىقىدىكى ئازراق ۋاقىتتا بولسىمۇ، ئوغۇللار مەيدانغا يۈگۈرۈپ چىقىپ گارغا توپ ئاتاتتى، پۇتبول ئوينىشاتتى. ياتاقتا، ئۈستۈنكى كارىۋاتنىڭ رېشاتكىسى تورنىكقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھازىر ھەممەيلەن ھاراق كۆتۈرەلەيدىغان، تاماكىمۇ قولدىن چۈشمەيدىغان بولدى، قورساقلارمۇ كىيىمگە پاتماي، ساڭگىلاپ چىقىپ قالدى.

以前是能动一会儿是一会儿,现在是能躺一会儿是一会儿。以前在学校制度的规范性,饮食起居规律,现在则是完全放飞自我。身材自然走样,要么胖得油腻,要么瘦得干瘪,难见健康体态。


ئىلگىرى ھەرىكەت قىلغۇدەك پۇرسەت بولسىلا ھەرىكەت قىلاتتۇق، ھازىر ياتقۇدەك پۇرسەت بولسىلا يېتىۋالىمىز. ئىلگىرى مەكتەپ تۈزۈمىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇشى بىلەن يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ-قوپۇشىمىز قانۇنىيەتلىك ئىدى، ھازىر پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى قويۇۋەتتۇق. بەدىنىمىزمۇ تەبىئىي ئۆزگىرىپ كەتتى، يا سەمىرىپ كەتتۇق، يا ئورۇقلاپ چوكىدەك بولۇپ قالدۇق، ساغلام بەدەن ھالىتىمىزنى كۆرۈشمۇ تەس بولدى. 

一个人身材均匀,体态健美,往往得益于他合理饮食、积极健身和高度自律;一个人赘肉横飞、步履蹒跚,往往说明这个人不加节制、懒散颓丧、没有毅力。


بىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ تەكشى، ساغلام، گۈزەل بولۇشى ئۇنىڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى، ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشى ۋە يۈكسەك تەلەپچان بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ بىر ئادەمنىڭ كېلەڭسىز گۆش خالتىسى بولۇپ قېلىپ، دەلدەڭشىپ مېڭىشى بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالمايدىغانلىقىنى، چېچىلاڭغۇ، چۈشكۈن، ئىرادىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

你怎样对待生活,生活就会怎样对待你,最终都会呈现在你的身体上。身材是我们生活状态最直接、最真实的体现,当一个人越来越不在意身材,就是ta堕落的开始。


سىز تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، تۇرمۇشمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە نامايان بولىدۇ. بەدەن شەكلىمىز تۇرمۇش ھالىتىمىزنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ھەقىقىي ئىپادىسى، بىر ئادەمنىڭ بەدەن شەكلىگە پەرۋا قىلمايدىغان بولۇشى دەل ئۇنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. 

ღ ღ ღ

一个人什么样,看他的身材就知道了

بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭ بەدەن شەكلىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. 

这两年,有“印度刘德华”之称的阿米尔汗,在国内圈粉无数,除了作品本身外,还因为他五十多岁,依然保持着“小鲜肉”般的身材,特别是拍摄电影《摔跤吧,爸爸》期间,他先增肥,然后5个月爆减50斤,身上的这种毅力和自律。


ئالدىنقى يىللاردا، ھىندىستانلىق داڭلىق كىنو چولپىنى ئامىرخان دۆلىتىمىزدە قاتتىق ئالقىشلاندى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن باشقا، يەنە ئۇ 50 نەچچە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ياشلاردەك بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى، بولۇپمۇ «چېلىشايلى دادا» ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن سەمىرىپ، ئاندىن بەش ئايدا 50 جىڭ ئورۇقلىغانلىقى، ئىرادىسى ۋە تەلەپچانلىقى كىشىلەرنى قايىل قىلغان ئىدى. 

在《摔跤吧,爸爸》一片中,阿米尔汗饰演的摔跤手,从年轻时代演到老年,既有身材壮硕的肌肉男形象,又有身材臃肿、大腹便便的中年大叔形象。


«چېلىشايلى دادا» ناملىق كىنودا، ئامىرخان بىر چېلىشچىنىڭ ياش ۋاقتىدىن قېرىغان ۋاقتىغىچە بولغان رولىنى ئالغان بولۇپ، قاۋۇل مۇسكۇللىق ياش يىگىتنىڭ قىياپىتى ۋە سەمىرىپ كەتكەن، قورساق سالغان ئوتتۇرا ياشلىق تاغىنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلغان ئىدى. 

因为担心拍完戏就减不下去了,拍摄前非常瘦的阿米尔汗先增肥27公斤,体脂从9%增到38%,先拍完中年大叔的戏份,然后才又开始进行减重,强迫自己在短时间内减掉50斤的赘肉,扮演年轻时候的马哈维亚。


فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئورۇقلىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئامىرخان ئاۋۋال 27 كىلوگرام سەمىرىپ، بەدەندىكى ماي نىسبىتىنى %9 تىن %38 كە يەتكۈزگەن، ئاۋۋال ئوتتۇرا ياشلىق تاغىنىڭ بۆلىكىنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 50 جىڭ ئارتۇق گۆشنى كېمەيتىشكە مەجبۇرلاپ، ياش ۋاقتىدىكى ماخاۋېرنىڭ رولىنى ئالغان ئىدى. 

一个演员,能够为了角色在短时间内,增肥、减肥,这种敬业的精神让人由衷的佩服,更让人敬佩的,是他管理身材的这种强大的毅力和自律。


بىر ئارتىسنىڭ رول ئېلىش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەمرىپ، يەنە ئورۇقلىشىدەك بۇ خىل كەسىپنى قەدىرلەش روھى كىشىنى چىن قەلبىدىن قايىل قىلىدۇ، تېخىمۇ قايىل قىلىدىغىنى ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنى باشقۇرۇشتىكى بۇ خىل كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە تەلەپچانلىقىدۇر. 

有人说:身材藏着一个人的自律。是的,现代人都有一种通病:“嘴炮式”减肥,“早泄式”健身。天天喊着“减肥”,却依然迈不开腿,管不住嘴,在其他事情上常常也是如此。而像阿米尔汗这种,能人让体型收放自如的人,很大程度上是一个严谨、自律、内心强大的人。


بەزىلەر: بەدەن قىياپىتىگە بىر ئادەمنىڭ تەلەپچانلىقى يوشۇرۇنغان، دەيدۇ. شۇنداق، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل ئورتاق كېسەللىك بار، ئۇ بولسىمۇ ئېغىزىدىلا ئورۇقلاش، ئۈچ مىنۇتلۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش. ھەر كۈنى ئورۇقلايمەن دەپ توۋلايدۇ، لېكىن يەنىلا چېنىقىش ئۈچۈن بىرەر قەدەم ئالمايدۇ، ئېغىزىنى باشقۇرالمايدۇ، باشقا ئىشلاردىمۇ دائىم شۇنداق قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئامىرخانغا ئوخشاش بەدىنىنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئېھتىياتچان، تەلەپچان، ئىچى كۈچلۈك كىشىلەردۇر. 

在这个快节奏的时代,没人有义务透过你油腻的肚腩,发现你纯真的心灵,身材,是我们给世界最直接的名片。

بۇ تېز رېتىملىق دەۋردە، ھېچكىمنىڭ مايلىق قورسىقىڭىزدىن ئۆتۈپ، سىزنىڭ پاك قەلبىڭىزنى بايقاش مەجبۇرىيىتى يوق، بەدەن شەكلىڭىز دۇنياغا بېرىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە ئىسىم كارتىنىڭىزدۇر. 


ღ ღ ღ

不管多少岁,都不要放弃更好的自己

مەيلى قانچە ياشتا بولۇڭ، تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. 

不久前,有个叫小野杰西的摄影师刷爆了朋友圈,只不过这次,不是他的摄影作品,而是他带着53岁的父亲一起健身的故事。


ئالدىنقى يىللىرى، شياۋيې جېشى ئىسىملىك بىر فوتوگراف دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى، لېكىن بۇ قېتىم توردا كەڭ تارقالغىنى ئۇنىڭ فوتو سۈرەت ئەسىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ 53 ياشلىق دادىسى بىلەن بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇش ھېكايىسى ئىدى. 

为了让父亲看到他的决心和诚意,小野特意增肥20斤。然后每10天记录一次父子俩身材的变化。


دادىسىغا ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شياۋيې ئالايىتەن 20 جىڭ سەمىرىپ، ئاندىن ھەر 10 كۈندە بىر قېتىم ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ بەدەن قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشنى خاتىرىلىگەن ئىدى. 

从2017年3月10日到9月20日,短短的190天,健身给小野和父亲身体带来的变化清晰可见:父亲减去了40多斤,啤酒肚没了,六块腹肌清晰可见,显得年轻结实。精气神也倍增,变得开朗自信。小野则重回自己巅峰时期的好身材。


2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان قىسقىغىنا 190 كۈندە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ شياۋيې ۋە دادىسىنىڭ بەدىنىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى: دادىسى 40 نەچچە جىڭ ئورۇقلىغان، باداڭ قورسىقى يوقىغان ئىدى، ئالتە پارچە قورساق مۇسكۇلى ئېنىق چىقىپ، ياش، ساغلام، ئىنتايىن روھلۇق كۆرۈنەتتى، تېخىمۇ ئوچۇق-يورۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. شياۋيې بولسا ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى ياخشى بەدەن شەكلىگە قايتقان ئىدى. 

都说世上万事,所有的不过是脱单、脱贫和脱脂。不管是20多岁如小野杰西,或者50岁如小野的父亲,拥有一个健康、美好的身材,在我们一生中都尤为重要。


كىشىلەر دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارنى بويتاقلىقتىن قۇتۇلۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بەدەندىكى مايدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشقا يىغىنچاقلىغان. مەيلى 20 نەچچە ياشتىكى شياۋيې جېشى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ 50 ياشلىق دادىسى بولسۇن، بىر ساغلام، گۈزەل بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇش ھاياتلىقتا ئىنتايىن مۇھىم. 

不管是出于对美的追求,还是不想从身材垮掉引发整个人的堕落,我们都应该好好打造自己身材,不管在什么年龄阶段,都不要放弃塑造自己。


مەيلى گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش بولسۇن  ياكى بەدەن شەكلى سەتلىشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان چۈشكۈنلىشىشنى خالىماسلىق بولسۇن، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ بەدەن شەكلىمىزنى ياخشى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم، مەيلى قانداق ياش باسقۇچىدا بولايلى، ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرۈشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. 

拥有好的身材从不容易,但人生一趟,希望我们每个人,都可以像北野武说的那样:虽然辛苦,我还是会选择那种滚烫的人生。


ياخشى بەدەن قىياپىتىگە ئىگە بولۇش ئاسان ئەمەس، لېكىن ھايات بىر قېتىم كېلىدۇ، ھەممىمىزنىڭ كىتانو تاكېشى ئېيتقاندەك: جاپالىق بولسىمۇ، يەنىلا ئاشۇنداق قايناق ھاياتنى تاللىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. 


تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلى

 خەيرلىك كەچ: ئالىيجانابلىقىنى نامايان قىلىدىغان مەنىۋىي قىياپەت

 خەيرلىك كەچ: ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، قايسى شەھەرگە بارسا ئەڭ ياخشى؟

 خەيرلىك كەچ: بۇ تۆت پىرىنسىپنى چۈشەنسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ياشايسىز

 خەيرلىك كەچ: ئائىلىسىگە قىيمايدىغانلار زادى نېمىگە قىيمايدۇ؟

 ئاق كۆڭۈل ھاماقەتلەردىن بولۇۋېلىش ئەقىللىق بولۇشتىنمۇ تەس

 خەيرلىك كەچ: ئىچى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بەش خىل ئادىتى

 خەيرلىك كەچ: قەيسەر بولۇڭ، ئەمما  نوچىلىق قىلىشىڭىز ھاجەتسىز

 ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك دەل ئەڭ ياخشى ۋاپادارلىقتۇر






خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章