خۇش خەۋەر! ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇل ئالالايسىز

时事   2024-11-20 20:03   北京  

شىنجاڭدا كونا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە توردا سېتىش يولى ئېچىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭدا كونا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە توردا سېتىش يولى ئېچىلغان.

11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتى سېتىۋالغاندا، ھەربىر ئىستېمالچى ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىرىگە تولۇقلىما ئالالايدۇ، ھەربىر مەھسۇلاتنىڭ تولۇقلىما يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدۇ. ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇلدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 1-دەرىجىدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلارغا، مەھسۇلات سېتىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ 2-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلارغا، مەھسۇلات سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

شىنجاڭلىق ئىستىمالچىلار يۈنشەنفۇ (云闪付) ئەپ دېتالىنىڭ «توردىكى پائالىيەتلەر» بۆلىكى ئارقىلىق كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، ئېرىشكەندىن كېيىن تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئەپ دېتاللاردىن «شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدەپ پائالىيەت بېتىگە كىرىپ، پائالىيەت بەتلىرىدىن كۆرۈپ تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ، شۇنداقلا تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاۋارلارنى بىۋاسىتە ئىزدەپ تاللاپ سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىدا شىنجاڭنىڭ شەھەرلىرىگە چەكلىمە قويۇلغان بولسا، پەقەت يۈنشەنفۇ ئەپ دېتالىدا پۇل تۆلىگەندىن كېيىن، تولۇقلىما پۇلدىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ. ئەگەر كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، قەدەم باسقۇچ بويىچە كونىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ، «دەرھال سېتىۋېلىش»نى چېكىپ زاكاز تاپشۇرۇش كېرەك. ئىستىمالچىلار پۇل تۆلىگەندە، بۇ دۇكاننىڭ بارلىق ئېتىبارلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پۈتۈشكەن باھاسى ئاساسىدا، ھۆكۈمەتنىڭ %15 ياكى %20لىك «سېتىۋالسىلا كېمەيتىش»تەك سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇپلا قالماي، بىۋاسىتە يېڭىنى سېتىۋالسىمۇ قاتنىشىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستىمالچىلار سۇپىنىڭ كونا ئېلېكتر سايمانلىرىنى ھەقسىز ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئېلىۋېلىش، ھەقسىز چۇۋۇش، ھەقسىز يۆتكەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىغا، يىلغا، ھالىتىگە چەك قويۇلمايدۇ. «ھەربىر ئىستىمالچى ھەربىر تۈردىكى تاۋاردىن پەقەت بىرنىلا سېتىۋالالايدۇ» دېگەن پائالىيەت قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر تۈردىكى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنى توردا ئىشلەتكەندە، تور سىرتىدا بۇ تۈردىكى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنى يەنە ئالغىلى بولمايدۇ.

 

       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章