مارالبېشى ناھىيەسىدە بىر ئەر بانكىدىن پۇل ئالغاندا ساقچىلار كەلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى مەلۇم بانكىدا، بىر ئەر بىلەن بانكا خادىمى ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەردى، بۇ ئەر بانكا كارتىسىدىكى 30مىڭ يۈەننى ئالماقچى بولدى، ئەمما خىزمەتچىلەر مەبلەغ مەنبەسىنىڭ ئىنتايىن گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
«تاغا، ئاۋۋال تىنچلىنىڭ، بۇ پۇلنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، پۇلنى ئېلىپ نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ.» بانكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردەم سوراش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى بانكىغا بېرىپ، بۇ ئەرگە سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى ھەمدە ئۇنىڭدىن پۇل ئېلىش مەقسىتىنى سورىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شاۋ XX توردا دوست تۇتقاندا، بىر تورداش بىلەن خۇشال پاراڭلاشقان، ئىككىسى ئۆز-ئارا ئاكا-ئۇكا دېيىشىپ، پۇل تېپىش يولى ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
«ئاداش، بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، كارتىڭىز ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇۋالاي، ئاندىن پۇلنى ماڭا يۆتكەپ بېرىڭ.» بۇ تورداش شاۋ XX نىڭ بانكا كارتىسىنى بىكارغا ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى، ھەر 10 مىڭ يۈەن يۆتكىگەندە، ئۇنىڭغا مىڭ يۈەن پايدا ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شاۋ XX سەل ئىككىلىنىپ قالغان، ئۇ بۇ پۇللارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق مۇمكىنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى سوممىلىق ھەقنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان. بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ سىناپ بېقىشنى قارار قىلىپ، قارشى تەرەپكە ماقۇل بولغان.
11-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت بەشتىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، شاۋ XX بىر بانكىنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، 30مىڭ يۈەننىڭ ھېساباتقا كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بانكا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، شاۋ XX بانكىغا بېرىپ نەق پۇل ئالماقچى بولغان، ئويلىمىغان يەردىن خىزمەتچىلەر ئۇنى توسۇۋالغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، شاۋ XX تاپشۇرۇۋالغان 30 مىڭ يۈەن جىنايەتچىلەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىدىكى راۋ XX نى ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل ئىكەن. شاۋ XX باشقىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەتچىلەرنى پۇل يۆتكەش، نەق پۇل ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جىنايەتتىن ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش، جىنايەتتىن ئېرىشكەن تاپاۋەتتىن پايدا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان.
ھازىر، شاۋ XX نى مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ساقچىلار قولغا ئالدى، دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟