يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مىنىستىرى تاڭ رېنجيەن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 20-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ ئەزاسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مىنىستىرى تاڭ رېنجيەننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، تاڭ رېنجيەن غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچىدىن ۋاز كېچىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ھەققىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۈچلۈك بولمىغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا قارىماي، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان، كۆپ قېتىم زىياپەت ۋە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان؛ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ تەيىنلەش خىزمىتىدە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەمدە مال-مۈلۈك قۇبۇل قىلغان؛ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە ياردەم بېرىپ، ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە سۈكۈتتە قوشۇلغان؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەپ، ئەدلىيە پائالىيىتىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلاشقان ۋە قول تىققان؛ ئائىلە ئىستىلى توغرا بولمىغان، ئەخلاقى ناچار بولغان؛ ئاچكۆزلۈك قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ كارخانا تىجارىتى، تۈر ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزگەن، ھەمدە زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.
تاڭ رېنجيەن پارتىيەنىڭ سىياسى ئىنتىزامى، تەشكىلى ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان ھەمدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى ناچار بولغاچقا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن، تاڭ رېنجيەنگە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى، چېتىشلىق مال-مۈلۈك بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئۇنىڭغا بېرىلگەن پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟