ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر! سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى پوزىتسىيەسى!
مۇخبىرنىڭ بۈگۈن شاڭخەيدە ئېچىلغان 2024-يىللىق جۇڭگو تېببىي دورا سانائىتى تەرەققىيات يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە تەتقىق قىلىنىۋاتقان يېڭى دورىلارنىڭ سانى ئۆرلەپ دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتكەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە 37 ئىجادىي دورا، 51ئىجادىي داۋالاش ئۈسكۈنىسى تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنغان، تەتقىق قىلىنىۋاتقان يېڭى دورىلارنىڭ سانى ئۆرلەپ دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتكەن. بۇ يىل 9-ئايدا، مەملىكەت بويىچە تېببىي دورا سانائىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 10.5 كە يېتىپ، پۈتكۈل سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى % 3.7 كە يەتكەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جىن جۇاڭلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنلىرىدا ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىيولوگىيەلىك بىرىكتۈرۈش، گېن تەھرىرلەش، AI دورىگەرلىكى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تېببىي دورا سانائىتىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كىلىنىكىدا كەمچىل دورىلار، بالىلار دورىلىرى، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، تېببىي دورا كەسپى ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
قورال-ياراغلارنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە ئۈلگىسى تىكلەندى
بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى