شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە

时事   2024-11-20 15:01   北京  

شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسى 300 گە يېقىن ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرگە كېڭەيتىلدى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مىقدارنى ئاشۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىدىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنى تېزدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسى ئەڭ دەسلەپكى 35 دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر ۋە شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشىدىغان چوڭ شەھەردىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 300 گە يېقىن ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرگە كېڭەيتىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى مەبلىغىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدىغان، يەر ئېلىش تولۇقلىما لايىھەسى پىشىپ يېتىلگەن تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بۇ شەھەرلەردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ: يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايومى ئارقىلىق قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، تەرەققىيات خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش مەخسۇس قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئالاقىدار باج-ھەق ئېتىبار سىياسەتلىرى تەتبىقلىنىپ، سودا بانكىلىرى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش قەرز پۇلى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بېكىتىلدى!

پاراۋانلىققا مۇناسىۋەتلىك! بۇ پۇل ئارتۇق كىرىشى مۇمكىن

قورال-ياراغلارنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە ئۈلگىسى تىكلەندى

بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章