مائارىپ مىنىستىرلىقى: يالغاندىن خادىم قۇبۇل قىلىش، يامان غەرەزدە توختامنى بىكار قىلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بىرلەشمە خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، 2025-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2025-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆلىمى 12 مىليون 220 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى شۇ مەزگىلدىكىدىن 430 مىڭ ئادەم كۆپىيىدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «2025-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى، 9-ئايدىن بۇيان جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر 55 مىڭ مەيدان تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 مىليون 930 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى 2025-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ساختا تەكلىپ قىلىش، يامان غەرەزدە توختامنى بىكار قىلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟