مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىنى تەڭشەش لازىم
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىكتە «يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتىكى ھالقىلىق باسقۇچلاردىكى ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:
بالىلارنىڭ كۈندىلىك دالا پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئاز بولماسلىقىغا، بۇنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىنىڭ بىر سائەتتىن ئاز بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛
باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىنى تەڭشەش لازىم؛
چوقۇم «نۆل باشلىنىش نۇقتىسى» بويىچە نورمال ئوقۇتۇش لازىم، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2- يىللىقىدا يازما ئائىلە تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرماسلىق، 3-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە، يازما تاپشۇرۇقنى تاماملاش ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم؛
ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ ئوقۇتۇش ۋاقتىنى قانات يايدۇرۇش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئوقۇتۇش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ %30 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، پىرىنسىپ جەھەتتە قەغەز مەشغۇلاتنى قوللىنىش لازىم؛
توردىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەربىر دەرس سائىتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، دەرس ئارىلىقى 10 مىنۇتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟