بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى

时事   2024-11-20 18:04   北京  

تەبىئىي بايلىق ھۆججەت ئېلان قىلدى

مەخسۇس زايوم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ بىكار يەرلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ساقلانغان بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ)دا، جايلارنىڭ مەخسۇس زايوم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ بىكار قالغان يەرلەرنى سېتىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ساقلانغان ئۆي-مۈلۈك يېرىنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا كارخانىلارنىڭ داۋاملىق ئېچىشقا ئامالسىز قالغان ياكى ئېچىش ئارزۇسى يوق، تەمىنلەنگەن بولسىمۇ قۇرۇلۇش باشلانمىغان تۇرالغۇ ئۆي يېرى ۋە سودىگەرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرىنى ئالدىن يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىش تەكىتلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان باشقا تۈرلەر بەلگىلەندى.

«ئۇقتۇرۇش»تا يىغىۋېلىنغان، سېتىۋېلىنغاندىن كېيىنكى قايتا تەمىنلەشكە بولغان تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىۋېلىنغان، سېتىۋېلىنغان يەرلەرگە قارىتا، بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن قايتا تەمىنلەش كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىگىلىگەن يەر مۈلكى ئامبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەڭشەش-كونترول قىلىش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇقتۇرۇش»تا جايلارنىڭ مەخسۇس زايوم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ بىكار قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىپ، سېتىۋېلىپ، ساقلانغان يەرلەرنى جانلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىلگەن بولۇپ، ئۈچ تەرەپلىك رول ئوينايدۇ: بىرىنچى، بازاردىكى ساقلانغان ئۆي-مۈلۈككە ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمىنى ئازايتىپ، يەر زاپىسىنىڭ «ئامبار» ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بازار مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئىككىنچى، مەبلەغنىڭ ئوبوروتىنى ئاشۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆي تاپشۇرۇشقا ئىشلىتىشىگە پايدىلىق. ئۈچىنچى، يىغىپ ساقلىغاندىن كېيىن ، «ساپ يەر» ، «ئەلا يەر» شەكىللىنىپ ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章