جۇڭگو كوماندىسى بەھرەيىن كوماندىسىنى يېڭىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ 18 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2026-يىللىق ئامېرىكا،كانادا، مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جاڭ يۈنىڭ ۋاقىت تولۇقلاش باسقۇچىدا بىر توپ كىرگۈزدى، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا نۆلگە قارشى 1 نەتىجە بىلەن بەھرەيىن كوماندىسىنى يېڭىپ، ئىككى قېتىم ئۇدا غەلبە قىلىش بىلەن بىرگە، C گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئورنىدىن قۇتۇلۇپ، گۇرۇپپىدا تۆتىنچىلىككە ئۆتتى.
ۋۇ لېي يارىلانغانلىقتىن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، جاڭ يۈنىڭ بىلەن بەھرام ئابدۇۋەلى ئالدى ھۇجۇمنى ئۈستىگە ئالدى. 11-مىنۇتتا جاڭ يۈنىڭ يالغۇز ۋاراتاغا توپ ئۇرغان بولسىمۇ، بەھرەيىن كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسى توپنى توسۇۋالدى، بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكى بىردىنبىر ۋاراتاغا توپ ئۇرۇشى بولۇپ قالدى. بەھرەيىن كوماندىسى گەرچە ۋاراتاغا توپ ئۇرۇش قېتىم سانىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قېتىممۇ ۋاراتاغا توغرىلاپ تېپەلمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى.
ئىككى تەرەپ كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھۇجۇم قىلىش رىتىمىنى تېزلىتىپ، نۇمۇر ئېلىش پۇرسىتىنى ياراتتى. 53-مىنۇتتا شۈ خاۋياڭ بۇلۇڭ توپ تەپتى، جاڭ يۈنىڭ توپنى ئۈسۈپ ۋاراتاغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ توسۇۋېلىندى.
مۇسابىقىنىڭ ئادەتتىكى ۋاقتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، مەيداندا كومىدىيەلىك ئۆزگىرىش بولدى. 87-مىنۇتتا بەھرەيىن كوماندىسى ماھىرى چەكلەنگەن رايوندا بىر توپ كىرگۈزدى، ئەمما سىنلىق ياردەمچى رېپېر (VAR)نىڭ ئارىلىشىشى بىلەن توپ ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى. تۆت مىنۇتتىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى، ۋاڭ خەيجيەن بەھرەيىن كوماندىسىنىڭ ئارقا مۇداپىيەچىسىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرىغا تۆۋەن پاس بەردى، مۇداپىئەسىز قالغان جاڭ يۈنىڭ توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، پۈتۈن مەيداندىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزدى.
دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ 18 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى شيامېندا ياپونىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟