ئىراق ئەگەر ئوتتۇرا شەرقتە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىسا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئاۋادى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلاش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئەگەر ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىسا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق ئاگېنتلىقى ئاۋادىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن غەربنىڭ قويۇق سودا ئالاقىسى، مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى ۋە ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى بار، ھەمدە پۈتكۈل دۇنيا بىلەن زىچ باغلانغان، ئەگەر ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىسا، ئېنىرگىيە كىرزىسى ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن ھالقىپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.
ئاۋادى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇرۇش ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەندە، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئىراق ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى پائال ئىزدەشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇ: پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ھوقۇق تەدبىرى ياكى ۋاقىتلىق قىلمىش بولماسلىقى، چوقۇم پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى تەلتۆكۈس، ئۈنۈملۈك، ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
پەلەستىن غەززە رايونى سەھىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 43 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلگەن، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟