ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى جازالىنىدۇ

时事   2024-11-19 20:02   北京  

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلىكتە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمىنى ئىجرا قىلماسلىقنى بېجىرىش ھەققىدىكى  قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە ھەققىدە ئىزاھات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دەۋادا غەلىبە قىلغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ نوپۇزى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدىدى.

 قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى، ئىجرا قىلىشقا ياردەملىشىش مەسئۇلىيىتى بار ئادەم، كېپىل بولغۇچى قاتارلىق ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، دەۋا باشلانغاندىن كېيىن، كېسىم كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مال-مۈلكىنى يوشۇرۇش، يۆتكەش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ھۆكۈم-كېسىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلىنىپ، ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار، لېكىن ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بېكىتىلدى!

پاراۋانلىققا مۇناسىۋەتلىك! بۇ پۇل ئارتۇق كىرىشى مۇمكىن

قورال-ياراغلارنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە ئۈلگىسى تىكلەندى

بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章