بىر كىكىرىپلا ئىككى دۆلەت چىگراسىنى ئۆزگەرتىۋىتكەن شەخىس

文摘   2024-11-13 21:29   新疆  


تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى



دۇنيا جۇغراپىيەسىدىكى قىزىقارلىق خەۋەر: ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىل بىر كىكىرىپلا ئىككى دۆلەت چېگراسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن


بۈگۈنكى دۇنيا خەرىتىسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئىئوردانىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چېگرا سىزىقىنىڭ ئېنگىلىزچە ز خەت شەكلىدىكى يۆنىلىش ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز، كىشىلەر بىلمەيدىغان يېرى شۇكى، بۇ چېگرانى ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋىنستون چېرچىل  بىر قېتىملىق كىكىرىشتىن كېيىن ئىجاد قىلغان.


ت. 1921ـ يىلى ئەنگلىيىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى چېرچىل مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە كېلىپ، يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىئوردانىيەنىڭ چېگرىسىنى ئايرىشقا مەسۇل بولىدۇ بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۈشلۈك تاماقنى بەك تويۇپ يەپ كەتكەن چېرچىل ئىئوردانىيەنىڭ شەرقىي چېگرىسىنى سىزىۋاتقاندا ئەسلىدە ئۆلچەملىك مېرىدىئان سىزىقىنى بويلاپ سىزىلغان تۈپتۈز چېگرا سىزىقى تولغىنىپ كېتىپ شۇنىڭ بىلەن ئىئوردانىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چېگرا سىزىقى بۈگۈنكى ز خەت شەكلىگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا چېرچىلنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى توشقاچقا ئۇخلىغىلى كىرىپ كېتىپ قايتا خەرىتە سىزىشقا خوش ياقمايدۇ.


بۇ چېگرا سىزىقىنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ زېمىنىنى خالىغانچە كېسىشى كېيىن نۇرغۇن يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ ماجىراسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قورال كۈچى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنى چېرچىل سىزغان خەرىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.


 ئىيوردانىيە ئاسىيانىڭ غەربىگە جايلاشقان، غەربىي پەلەستىن، ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنا، شىمالدا سۇرىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي شىمالدا ئىراق بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي جەنۇب ۋە جەنۇبتا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. 
ئىئوردانىيە ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى ( غەربىي جەنۇبتا ياكابا قولتۇقىغا يېقىن جايدا ئىنتايىن كىچىك بىر بۆلەك دېڭىز قىرغىقى بار ). 


ئىيوردانىيە ئەسلىدە پەلەستىننىڭ بىر قىسمى ئىدى.

مىلادى 7ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەپ ئىمپېرىيەسىنىڭ تېررىتورىيەسىگە تەۋە بولغان.مىلادىيە 1517ـ يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان. 1 -ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قالغان.  1921ـ يىلى ئىيوردانىيەنى چېگرا قىلىپ، غەربتە يەنىلا پەلەستىن، شەرقتە تاشقى ئىيوردانىيە خەلىپىلىكى دەپ ئاتالغان.  1946ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 22ـ كۈنى تاشقى ئىيوردانىيە مۇستەقىل بولۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلۇپ ھاشىمىيلار جەمەتى ئېئوردانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


ئىئوردانىيە بىر قەدەر كىچىك بولغان پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت، ئەمما ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىئوردانىيەنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ. ئىئوردانىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر باياشات. ئىئوردانىيەدە تاتلىق سۇ بايلىقى بىر قەدەر كەمچىل، نېفىت بايلىقىمۇ مول ئەمەس. شۇڭا ھازىر ساياھەتچىلىك ئىئوردانىيەنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پېترا قەدىمىي شەھىرى، ئۆلۈك دېڭىز ۋە ۋادىم قۇملۇقى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى ۋە دەم ئېلىشىدىكى ئالدىن تاللايدىغان جايى بولۇپ قالدى.





ئەڭ نادىر مەزمۇنلار مۇشۇ سالۇندا


saybag
你好。欢迎
 最新文章