ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

文摘   2024-11-16 23:20   中国  

جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى: ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى جىددىي ئوچۇق يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئىران تەرەپنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلدى ۋە كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇڭگو تەرەپ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى، ئۇرۇشنى كېڭەيتىۋېتىدىغان ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىكنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر، خاتا ھۆكۈم قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى


saybag
你好。欢迎
 最新文章