يەر شارى كەلگۈسىدە يەنە بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ

文摘   2024-11-15 20:32   中国  

دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتىنىڭ 28-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى پارنىك گازىنىڭ قويۇقلۇقىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان بولۇپ، يەر شارى كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن يىلدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ ئاتموسفېرادا جۇغلىنىش سۈرئىتى ئىنسانلار تارىخىدىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۆتكەن يىلى كەڭ كۆلەملىك يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش كۆپىيىپ كەتكەچكە، ئورماننىڭ كاربون سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلىشى مۇمكىنكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار پائالىيىتى ۋە سانائەت پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇنىڭ كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى تۆۋەنلىمەي، پارنىك گازى قويۇقلۇقىنىڭ ئۆرلىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولغان.

بۇنىڭدىن 3 مىليون يىلدىن 5 مىليون يىلغىچە بۇرۇن يەر شارىدا يۇقىرىقىغا ئوخشاش كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى كۆرۈلگەن. ئۇ چاغدىكى تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن ئىككى سېلسىيە گىرادۇستىن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى، دېڭىز يۈزى ھازىرقىدىن 10 مېتىردىن 20 مېتىرغىچە ئېگىز ئىكەن.


saybag
你好。欢迎
 最新文章