شۇ يەر ۋاقتى 31-ئۆكتەبىر، گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېينمېيېر كرېت ئارىلىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى زوراۋانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى.
گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېينمېير: مەن گېرمانىيە نامىدىن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن. مەن سىلەر، ھايات قالغانلار ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر جىنايىتىنى كەچۈرۈشىنى ئۆتۈنىمەن، دېدى.