جۇڭگودا350مىليون ئادەم تاماكا چېكىدۇ، نېمىشقا سېتىش چەكلەنمەيدۇ؟

文摘   2024-11-16 23:20   中国  



زەمران

كۆپچىلىكنىڭ تاماكا چېكىشتىكى سەۋەبلىرى ھەر خىل. بەزىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بىر-بىرىگە تاماكا سۇنۇپ مېھمان دوستلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملاشقان. بەزىلەر تاماكا چېكىش خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر بولسا يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تاماكا چەككەچكە توپتىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن تاماكا چېكىدۇ، ئاخىرىدا تاماكا خۇمارى يۇقۇپ قالىدۇ. 

جۇڭگو تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن جەھەتلەردە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسلەن، جۇڭگودىكى تاماكا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ تاماكا سېتىۋېلىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ تاماكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ تاماكا چەككۈچۈلەر سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2000-يىلى كىرگەندىن تارتىپ جۇڭگودا ھەر يىلى تاماكىغا ئالاقىدار كېسەللىك سەۋەبىدىن تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ئاڭلىماققىلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تاماكىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتمەيدۇ؟ ئېلاندىن كىيىن سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى..

بىرىنچىدىن، بۇنداق قىلىش باجنى كېمەيتىۋىتىدۇ. تاماكا كەسپى ھەر يىلى دۆلەتكە %6 تىن ئارتۇق مالىيە كىرىمى يارىتىپ بېرىدۇ. 2015-يىلىدىن باشلاپ بۇ كەسەپنىڭ بېجى بىر تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. ئەگەر تاماكا سېتىش چەكلەنسە ھەر يىللىق مالىيە كىرىمى زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىدۇ. بۇ يەنە تاماكا زاۋۇتى، تاماكا توپ سېتىش، پارچە سېتىش قاتارلىقلار كەسىپلەرنىڭ توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىليون ئادەم ئىشسىز قالىدۇ. بۇ يەنە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئىككىنچىدىن، تاماكىنى چەكلىسە ئەتكەس تاماكا ۋە شەخسىي تاماكا زاۋۇتى كۆپىيىپ كېتىدۇ. دۆلەت ئىچىدە تاماكا سېتىش چەكلەنسە غايەت زور پايدىسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدا بەزىلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ چەت ئەلدىن تاماكا ئەتكەسچىلىك قىلىدۇ. چەت ئەل تاماكىلىرى جۇڭگو بازىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەرلەر ئۆزلىرى تاماكا ياساش بىلەن شۇغۇللىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئۆرلەپ كېتىدۇ.  ئۈچۈنچىدىن، بىر قىسىم كىشىلەر تاماكا چېكىشكە تايىنىپ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، تاماكىنى چەكلەش ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتىدۇ. كۆپلىگەن ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ئىش ئۈستىدە تاماكا چېكىش ئادىتى بار ئىدى.

تاماكا چەكلەشنىڭ تەسىرى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، ياخشى تارەپلىرى ۋە يامان تەرەپلىرى بار. تاماكا چەكلەش كىچىك ئىش ئەمەس، چەكلەيمەن دەپلا چەكلىگىلى بولمايدۇ. بۇنى تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەسلەن مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا دۆلىتىمىز كۆپ جايلاردا ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلىدى، يەنە تاماكا باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق تاماكا چېكىش قېتىم سانىنى ئازايتتى. تاماكا چېكىشنى چەكلەش سۇنى تىزگىنلىگەنگە ئوخشاش، ئاستا-ئاستا كېلىش كېرەك. تاماكا چېكىش ھەقىقەتەن سالامەتلىككە زىيانلىق، شۇڭا تاماكا چەككەندىن سالامەتلىككە پايدىلىق، يېشىل، ئىس تۈتەكسىز ئېلان چەككەن ياخشى..ئاستىدىكىدەك. 


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹



saybag
你好。欢迎
 最新文章