شۇ جاي ۋاقتى 24-ئۆكتەبىر، بىرازىلىيە سان پاۋلو ئىشتاتلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، بىر كىچىك ئايروپىلان 23-ئۆكتەبىر كەچتە بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سان پاۋلو ئىشتاتىنىڭ پارايبۇنا تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ، بەش ئادەم قازا قىلغان.
كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلان يەرگە چۈشۈپلا پارتلاپ كەتكەن. دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، ئايروپىلان شۇ چاغدا سائەتلىك سۈرئىتى 70 كىلومېتىرلىق بورانغا ئۇچراپ، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.