بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا يېمەكلىك ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى ئىنتايىن كەمچىل، ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن.
بۇ تەشكىلات يېقىنقى مەزگىلدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 11-ئايدا غەززە رايونىدىكى %90 نوپۇس ئېغىر ئاشلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، دېدى.