جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە ئاۋام پالاتا سايلىمىغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 28-چېسىلا قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە ئاۋام پالاتا سايلىمى ھەم ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىنىشىدە ئۆزگىرىش بولۇش مۇمكىنچىلىكىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟ جۇڭگو تەرەپ بۇنى خەۋپسىزلىك سىياسىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ دەپ قارامدۇ؟
لىن جيەن: بىز ئالاقىدار سايلام نەتىجىسىگە دىققەت قىلدۇق، بۇ ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگو تەرەپ باھا بەرمەيدۇ. جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىش تۇتۇپ، جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدىكى پىرىنسىپ ۋە ئورتاق تونۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجادىي، مۇقىم جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت