ئامېرىكا تارىختا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ باققانمۇ؟

文摘   2024-11-18 23:47   中国  

پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

   

ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇش تارىخى ئىنتايىن قىسقا. 1776-يىلى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھېسابلىغاندا ئامىرىكا پەقەت 243 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسى قۇرۇقلۇقىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەردە يەنىلا بىر قەدەر بالدۇر قۇرۇلغان. بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلىشىدا ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىمۇ كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلىشالىغان.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى، 1812 ئۇرۇشى، ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى، ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى، 1-دۇنيا ئۇرۇشى، 2-دۇنيا ئۇرىشى، چاۋشيەن ئۇرۇشى، ۋيېتنام ئۇرۇشى، گرېنادا ئۇرۇشى، پارس قولتۇقى ئۇرۇشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى يىتەكلەپ قىلغان يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى ئۇرۇشى، ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردى. 

ئامېرىكا باشتىن كەچۈرگەن ئۇرۇشلاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇرۇشىتا غەلىبە قىلدى. دەسلەپكى ئىككى مەيدان ئۇرۇش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئۇرۇشى بولۇپ، 1812 ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ 2-قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇرۇش جەرىيانى ئىنتايىن ئىچىنىشلىق بولغان. چۈنكى ئۇرۇش جەريانىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنى ۋە كانادا خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى پايتەخت ۋاشىنگتونغا بېسىپ كىرىپ، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. كېيىن بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى قايتا سېلىنىپ بۈگۈنكى ئاق سارايغا ئايلاندى. 

ئامېرىكا باشتىن كەچۈرگەن ئۇرۇشلار ئىچىدە ئامېرىكا ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان ئۇرۇشنى ئاساسەن يوق دېيىشكە بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدا بۇنداق ئەھۋال تېخى يۈز بېرىپ باقمىدى. لېكىن ئامېرىكا بىر قەدەر ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشنى ۋيېتنام ئۇرۇشى دىيىشكە بولىدۇ. 1955-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە بولغان 20 يىللىق ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ناھايىتى زور چىقىم تارتتى. ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 60 مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلدى، 300 نەچچە مىڭ ئادەم يارىلاندى. ھەربىي خىراجەت 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى قەرزى كۆپىيىپ دۆلەتتىكى ئالتۇن زاپىسى تۆۋەنلەپ كەتتى. دۆلەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ۋىتنام ئۇرىشىغا قارشى تۇرۇش دولقىنى ئەۋج ئالدى.

ۋيېتنام ئۇرۇشى ئامېرىكىنى دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەت ئورنىدىن مەھرۇم قىلىشقا تاسلا قالدى. ئەگەر ئىستراتېگىيەنى ۋاقتىدا تەڭشىمىگەن بولسا بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن يۈز بېرەتتى. ۋيېتنام ئۇرۇشىنى ئامېرىكىنىڭ بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان ئۇرۇشى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن بۇنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولۇش دېيىشكە بولمايدۇ. پەقەت ئامېرىكا ۋېتنامدا قايتا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچ سەرپ قىلىشنى خالىماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. ھەممىمىزگە ئايان، ئامېرىكا ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ۋىيېتنام ئامېرىكىغا قوغلاپ بېرىپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلالمايدۇ. ئاستىدىكى ئېلاننىڭ بويى ئۆسۈپ بوينى قاتتىقلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، بىر كۈچەپ دەسسەپ ياۋاشلىتىپ قويساڭلار...رەخمەت.





 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹





saybag
你好。欢迎
 最新文章