سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
دۇنيا كۆپ مەنبەلىك بولغاندا ئاندىن رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ شەھەرنىڭ ئىنتايىن غەلىتە قائىدىسى بار بولۇپ، بۇ شەھەردە كىشىلەرنىڭ قول سائىتى تاقىشى چەكلەنگەن. ئەگەر قول سائىتى تاقىغانلىقى بايقىلىپلا قالسا بېرىپ «دېڭىزغا سەكرىشى» كېرەك. بۇ زادى قانداق ئىش؟ بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى.
بۇ شەھەر كىرودىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان زادار شەھىرى. بۇ يەر دۇنياغا داڭلىق ساياھەت شەھىرى. ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ شەھەردە كىشىلەرنىڭ قول سائىتى تاقىشى چەكلىنىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى، بۇ جاينىڭ تۇرمۇش رېتىمى بىر قەدەر تېز، ئەگەر بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلغان كىشىلەر دائىم قول سائىتىگە قارىسا زېھنىنى يىغىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنالمايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، بىر ئادەمنىڭ دائىم قول سائىتىگە قارىشى ئۇنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەرگە پىسخىكا يۈكى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ روھى بىسىمىنى بەلگىلىك ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ناچار كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ شەھەر كىشىلەرنىڭ قول سائىتى تاقاشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى چىقارغان.
ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بارغانسېرى ئومۇملىشىپ كەتتى. كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاساسەن يان تېلېفونىدىن ئايرىلالمايدۇ. قول سائىتى تاقايدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ قالمىدى. لېكىن بۇ شەھەردە ھەر يىلى يەنىلا 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قول سائىتى تاقىۋالغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا بولسا دېڭىزغا سەكرەش.
ئەمما بۇ 3000 دىن ئارتۇق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى بۇ جازادىن نارازى بولماي، ئەكسىچە خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. چۈنكى بۇ بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدىكى جازالاش ئۇسۇلى. ھازىر «دېڭىزغا سەكرەش» زادار شەھىرىنىڭ بىر ئۆرۈپ-ئادىتىگە ئايلاندى. بۇ جايدا ھەر يىلى يەنە «مىڭ كىشىلىك دېڭىزغا سەكرەش مۇزىكا بايرىمى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. نەچچە مىڭ ئادەم بىرلىكتە دېڭىزغا سەكرەيدىغان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.
بۇ يەرگە كەلگەن كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن بەكرەك بۇ يەرنىڭ «غەلىتە» ئۆرپ-ئادىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولىدۇ. گەرچە بۇنداق ئۆرپ-ئادەتنى بىز چۈشەنمىسەكمۇ لېكىن چەت ئەلگە چىققاندا چوقۇم شۇ يەرنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىگە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. سىزمۇ سالون مەدەنىيتىگە ھۆرمەت قىلىپ ئاستىدىكى ئېلاننى بىر چىكىپ قويسىڭىز، بولمىسا دېڭىزغا سەكرەش جازاسى بېرىمىز....
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹