ئىسپانىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئىككى جۇڭگو پۇقراسى قازا قىلدى
文摘
2024-11-19 23:16
中国
2-نويابىر جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئىككى جۇڭگو پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقى، ئىككى كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى دەلىللىدى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، بۇ دۆلەتتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 211 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 208 ئادەم ۋالېنسىيالىق ئىكەن.كەلكۈن كۆۋرۈكلەرنى ئۆرۈۋەتتى، ئاپتوموبىللارنى ئېقىتىپ كەتتى، ئېتىزلارنى سۇ بېسىپ كەتتى، كەنتلەر لاي-لاتقا ئاستىدا قالدى. ئىسپانىيە ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قارا يامغۇر كەلكۈنى ئىسپانىيە ھازىرقى زامان تارىخىدا ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ئىكەن.