يېقىندا رۇسىيەنىڭ لىپېتسكتا تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئالتە مەھبۇس شۇ جايدىكى 2-نومۇرلۇق تۈرمىدىن يوقاپ كەتتى، ئارقىدىن چارلاش ئەترىتى 70 مېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتىكى تونېلنى بايقىدى، تونېلنىڭ ئېغىزى تۈرمە ئىچىدىكى تاشلاندۇق سانائەت رايونىدا ئىكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ تونېلنى ئالتە مەھبۇس ئۆزى ياسىغان گۈرجەك بىلەن ئالتە ئاي كولىغان، بۇ مەزگىلدە ئۇلار ياغاچ تاختاي ۋە ئەخلەت بىلەن تونېلنىڭ ئېغىزىنى ياپقان، باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كولىغان توپىنى ئېھتىيات بىلەن چاچقان. 26-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە تۈرمىدىن قېچىش قىلمىشى ئاشكارىلانغان، ھازىر ساقچىلار قاچقۇنلارنىڭ بەشىنى قايتۇرۇپ كەلگەن، قالغان بىرى يەنىلا قېچىپ يۈرمەكتە ئىكەن.