سودا مىنىستىرلىقى رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈردى!

文摘   2024-11-14 23:48   中国  

 سودا مىنىستىرلىقى رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈردى!

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن ئايرىم باھا ۋەدىسى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

 سوئال: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەردە مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوخشاش بولمىغان كارخانىلار بىلەن باھا ۋەدىسى ئۈستىدە كېڭىشىش، جۇڭگو ماشىنا-ئېلېكتىر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن باھا ۋەدىسى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار، باشقا كارخانىلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن ئايرىم باھا ۋەدىسى توغرىسىدا كېڭىشىشىنى چەتكە قاقمايمىز. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

 جاۋاب: بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلدۇق. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىنىستىر ۋاڭ ۋېنتاۋ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى دومبروۋسكىس بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ماشىنا-ئېلېكتىر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تولۇق ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى، ساھەنىڭ ئومۇمىي مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان باھا ۋەدىسى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئاساستا كۆپ قېتىم كېڭىشىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەلگىلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېڭىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قىسمەن كارخانىلار بىلەن ئايرىم باھا ۋەدىسى سۆھبىتى ئېلىپ بارسا، ئۆزئارا ئىشەنچنى تەۋرىتىپ، كېڭىشىش ئومۇمىي مۇساپىسىگە كاشىلا قىلىدۇ، شۇنداقلا باھا ۋەدىسى كېلىشىمىنىڭ كېيىنكى ئىجرا قىلىنىشى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشىنىڭ مەمۇرىي تەننەرخىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ كېيىنكى باسقۇچلۇق كېڭىشىشنى باشلىدى، جۇڭگو تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى رامكا بويىچە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق كېڭىشىش ئاساسىدا تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇرراق ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


saybag
你好。欢迎
 最新文章