جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ھەتتا شىنجاڭدىنمۇ چوڭ

文摘   2024-11-16 23:20   中国  



تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى


دۆلىتمىزنىڭ ئەڭ جەنۇبىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر شەھەر بار بولۇپ، نوپۇسى ئارانلا نەچچە مىڭ بولسىمۇ لېكىن ئومومىي كۆلىمى  شىنجاڭدىنمۇ چوڭ، بۇ دەل ئامىرىكا دېڭىز ئارمىيسىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ ئاتالغان -سەنشا شەھرى

سەنشا شەھىرى خەينەن ئۆلكىسىدىكى تۆت ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنىڭ بىرى. ئىۇىە2012ـ يىلى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئارىلى، نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى خادا تاش ئارىلى ۋە ئۇنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى قارايدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق كۆلىمى 20 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ زىڭمۇ ئەنشا سۇ ئاستى قۇملىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  . 


ت. 2015ـ يىلىغىچە سەنشا شەھىرى تۆت مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونى ( خىزمەت كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتى )، ئون مەھەللىنى باشقۇردى، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 2500 دىن ئاشتى ( شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي، ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )، ئاھالە 448 گە يەتتى.

سەنشا شەھىرى جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ كىچىك، نوپۇسى ئەڭ ئاز شەھەر، مەملىكەت بويىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن شەھىرىدىن كېيىن تاقىم ئاراللار ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان 2ـ ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامى بار.


ت 2017ـ يىلى سەنشا شەھىرى دۇنيادىكى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە 200 كۈچلۈك شەھەر قاتارىغا كىردى. 2014ـ يىلىغىچە سەنشا شەھىرىدە رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 69 غا، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 778 مىليون يۈئەنگە يەتتى.  2014ـ يىلى جەمىي 22 قېتىم ساياھەت نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتناپ، 3587 ساياھەتچى ( قېتىم ) نى كۈتۈۋالدى


ت. 2012ـ يىلى خەينەن ئۆلكىسى سەنشا شەھىرى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى خادا تاش ئارىلى ۋە ئۇنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى بولدى.


سەنشا شەھىرى 260 تىن ئارتۇق ئارال، خادا تاش، قۇم، ساھىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزغا تارقالغان، ئارالنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 13 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 2 مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقى 900 كىلومېتىر، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1800 كىلومېتىر كېلىدۇ.


سۈرەتتە: سەنشا شەھىرى شىشا تاقىم ئاراللىرى

شىشا تاقىم ئاراللىرى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 10 مىڭ چاقىرىملىق شىتاڭ دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئارالنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 10 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، جۇڭشا، دوڭشا، نەنشادىن چوڭ، دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كۆلىمى 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شىشا تاقىم ئاراللىرى يۇڭلې تاقىم ئاراللىرى ۋە شۈئەندې تاقىم ئاراللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شىمالدا شىمالىي خادا تاش ئارىلىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا شيەنجىن ساھىلىغا تۇتىشىدۇ، غەربتە جۇڭجيەن ئارىلىدىن باشلىنىپ، شەرقتە شىدۇ ساھىلىغا تۇتىشىدۇ.

سۈرەت شىشا يوڭشىڭ ئارىلى

شىشادىكى ئەڭ چوڭ ئارال يۇڭشىڭ ئارىلى بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1950 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 1350 مېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 2.6 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز يېرى 8.3 مېتىر بولۇپ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇن. سەنشا شەھىرىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى شۈئەندې تاقىم ئاراللىرىدىكى يۇڭشىڭ ئارىلىدا بولۇپ، ئارالدا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار.


 سەنشا شەھىرىدىكى جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى

جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىشىڭ شىتاڭ دەپ ئاتالغان بولۇپ، دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كۆلىمى 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە جايلاشقان، يۇڭشىڭ ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كېلىدۇ.


جۇڭشا تاقىم ئارىلىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى جۇڭشا چوڭ ئايلانما خادا تېشى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر، كەڭلىكى 60 كىلومېتىر، سۇ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 13 مېتىردىن 20 مېتىرغىچە بولۇپ، نۇرغۇن يوشۇرۇن قۇم تارقالغان، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ ئايلانما خادا تاش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭشا تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەر قايسى خادا تاشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇ يۈزىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، پەقەت جۇڭشا چوڭ ئايلانما خادا تېشىنىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 300 كىلومېتىر كېلىدىغان خۇئاڭيەن ئارىلىلا دېڭىز يۈزىگە چىقىپ قالغان. خۇئاڭيەن ئارىلىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 15 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 15 كىلومېتىر، ئەتراپتىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 55 كىلومېتىر كېلىدۇ
 
كۆلىمى تەخمىنەن 150 كۋادرات كىلومېتىر. 


رەسىم خۇئاڭيەن ئارىلى

خۇئاڭيەن ئارىلى سەل ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، تۆت ئەتراپى مارجان خادا تاشلىرى، ئوتتۇرىسىدا شەھەرنى قورشاپ تۇرىدىغان بىر چوڭ شارقىراتما ( تۇزلۇق سۇغا چىلانغان كۆل ) بار، كۆلىمى تەخمىنەن 130 كىۋادرات كىلومېتىر، سۇ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن بىر مېتىردىن 20 مېتىرغىچە كېلىدۇ، كۆل سۈيى سۈزۈك بولۇپ، خادا تاشنىڭ سىرتىدىكى قارا كۆك دېڭىز سۈيىگە ئوخشىمايدۇ.خۇئاڭيەن ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بىر يوچۇق بار، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9 مېتىردىن 11 مېتىرغىچە، كەڭلىكى تەخمىنەن 400 مېتىر كېلىدۇ.

 كۆلىنىڭ سۈيى ئانچە چوڭقۇر بولمىغاچقا، بەزىلەر كۆلنى لاي ـ لاتقا بىلەن تولدۇرۇپ، 150 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئارال بەرپا قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلغان. بىراق بۇ پەرەز ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ، قۇرۇلۇش مىقدارى غايەت زور بولىدۇ، يەنە نۇرغۇن مۇھىت مەسلىسى كەپ چىقىدۇ.



 سەنشا شەھىرى نەنشا تاقىم ئاراللىرى

نەنشا تاقىم ئارىلىنى مىڭ سۇلالىسى ۋەنلى چاڭشا دەپ ئاتايدۇ، ئارالنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 19 مىڭ 200 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كۆلىمى 82 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. نەنشا تاقىم ئاراللىرى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا شيۇڭنەن خادا تاش ئارىلىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا زېڭمۇ ئەنشا سۇ ئاستى قۇملۇقىغىچە، غەربتە ۋەنەن ساھىلىدىن باشلىنىپ، شەرقتە خەيما ساھىلىغىچە تۇتىشىدۇ. نەنشا تاقىم ئاراللىرىدا نۇرغۇن داڭلىق ئاراللار بار، مېيجى خادا تېشى، زۇمرەت خادا تېشى، يۇڭيازلىق خادا تاش، تەيپىڭ ئارىلى قاتارلىقلار. 


سۈرەت نەنشا مېيجى خادا تېشى

مېيجى خادا تېشى ئېللىپىس شەكىللىك مارجان ئايلانما خادا تېشى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 46 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئايلانما خادا تاش ئىچىدىكى شارقىراتما كۆلىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 36 كىۋادرات كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 20 مېتىردىن 30 مېتىرغىچە بولۇپ، ئۈچ دەرۋازا ( چىقىش ئېغىزى ) بار، بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي جەنۇب دەرۋازىسى سۇ يولىنىڭ كەڭلىكى 37 مېتىر، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 18 مېتىردىن ئاشىدۇ، چوڭ تىپتىكى پاراخوتلار دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەندە بۇ ئېغىز ئارقىلىق كىرەلەيدۇ، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان چوڭ تىپتىكى تەبىئىي دېڭىز بورنىدىن دالدىلىنىدىغان ياخشى پورت. مېيجى خادا تېشىدىكى ئاساسىي ئارال مېيجى ئارىلىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 5.66 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، نەنشادىكى بىرىنچى چوڭ ئارال ھېسابلىنىدۇ.


سۈرەت نەنشادىكى زۇمرەت خادا تېشى.

زۇمرەت خادا تاش يەككە ـ يېگانە ھالقىسىمان يوشۇرۇن خادا تاش بولۇپ،  جوڭشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىگە جايلاشقان، خادا تاشنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 16.1 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. زۇمرەت خادا تاش ئارىلى ئاساسىي ئارال، كۆلىمى تەخمىنەن 4.3 كىۋادرات كىلومېتىر.


سۈرەت نەنشا يۇڭيازې ئارىلى

يوڭيازې خادا تاش ئارىلى، تەيپىڭ ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئايلانما خادا تاش. خادا تاشنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 108 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى كۆل سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 14 مېتىردىن 40 مېتىرغىچە كېلىدۇ. يۇڭيازې ئارىلى يۇڭيازې خادا تاش ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يۇڭيازې خادا تاش ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال، كۆلىمى تەخمىنەن 2.8 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەكىلى غايەت زور ئاۋياماتكا شەكىلىدە بولغاچقا بۇ ئارال خەلقئارادا جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك چۆكمەس ئاۋياماتكىسى دەپ نام ئالغان، شۇنداقلا بۇ ئارال ئارمىيەرىمىزنىڭ جەنۇبى دېڭىزنى قوغداشتىكى يادرولۇق ھەربىي سۇپىسى. شۇنداقلا دېڭىز ئارمىيەرىمىزنىڭ مۇھىم بازىسى.


سۈرەت نەنشا تەيپىڭ ئارىلى

تەيپىڭ ئارىلى جېڭخېچۈن خادا تېشىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 0.43 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3.8 مېتىر كېلىدۇ.بۇ ئارالمۇ يۇڭيازى ئارىلىغا ئوخشاش ئاۋياماتكا شەكىلكىك ئارال بولۇپ ھاۋا ئارمىيەرىمىزنىڭ جەنۇبى دېڭىزنى چارلاش ۋە مۇھاپىزەت قىلىشىدىكى ئۆتكۈر شەمشەر.




saybag
你好。欢迎
 最新文章