دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يېڭى ئارمىيسى جەڭ مەيدانىغا بارمايلا دۈشمەننى مە

文摘   2024-11-14 23:48   中国  


تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى

جۇڭگونىڭ يېڭى ئارمىيە تۈرى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، رۇسىيە بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتتى،  ئازادلىق ئارمىيە جەڭگە قاتناشمىسىمۇ دۈشمەننى يوقىتالىغۇدەك

نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكىرى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، ئاسىيادا بىرىنچى بولۇشقا مۇناسىپ.ھالبۇكى، ئازادلىق ئارمىيە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قوراللىق كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاق تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، 1975ـ يىلىلا، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئەسكەر كۆلىمى 6 مىليوندىن ئاشقان. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەش سانى ئەينى چاغدىكى ساننىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش قىلىش ساپاسى ۋە ئۈنۈمى ئەينى يىللاردىكى سەۋىيەدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى ھەمدە دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئازادلىق ئارمىيەمۇ تەدرىجىي يېڭى قىسىم تۈرلىرى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى،

مەسىلەن، دۇنياغا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بۇ ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم دەل جۇڭگونىڭ ھازىرقى قۇرۇقلۇق ئارمىيسى، دېڭىز ئارمىيسى، ھاۋا ئارمىيسى ۋە راكىتا ئارمىيسىدىن كىيىن تەسسىس قىلىنىغان 5ـ ئارمىيە تۈرى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېڭى ئارمىيە تۈرى بىلەن ئارقا سەپ تەمىناتى قىسىمى ئازراق ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئۇرۇش پارتلىغاندا، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىملار ھەر قايسى قىسىملارنى قورال ۋە يېتەرلىك ئارقا سەپ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پەقەت ئارقا سەپ تەمىنات قىسمى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ يېڭى ئارمىيە تۈرى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئاخبارات توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇرۇش جەريانىدا ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم دۈشمەن ئارمىيەسىگە قارشى رازۋېدكا ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىلغار تور ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 


ئىگىلىگەن ماھارىتى مۇرەككەپ بولغاچقا، بۇ قىسىم دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە، رۇسىيە سۈنىي ھەمراھ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو دۇنيادا كەمدىن ـ كەم ئۇچرايدىغان يېڭى قىسىم تۈرىنى قۇردى، دېيىلگەن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇچۇرىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئالاھىدە ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىشتا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق كۈچىنى توپلاش كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرىمۇ بىر تەھلىل دوكلاتى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمى قۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ قىسىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەرەققىيات ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش مەسۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىش دەپ قارىدى.  گەرچە يېڭى قىسىم تۈرلىرى ھېچقانداق جەڭگە قاتناشمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا دۈشمەنگە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن بۇ يىللاردا، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسمى قەرەللىك بومبىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، بۇ يېڭىچە قىسىم بولغاچقا، جۇڭگونىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش قىلغۇچى خادىملىرى مۇقەررەر ھالدا ئۇرۇشتا ئاز كۈچ بىلەن زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.



saybag
你好。欢迎
 最新文章